باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(9)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەبلەغ سېلىشنى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى قىلىمىز. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك تۈرلىرىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلايمىز. مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ 457 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىم سۇچىلىق، ئوتتۇرا ــ غەربىي رايونلار تۆمۈريولى، ئېنېرگىيە تېجەش ــ مۇھىت ئاسراش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق سېلىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ «دامكىراتلىق» تۈرتكە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. يېڭى رايون ئىقتىساد بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىمىز. رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئاۋۋال ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئەتراپلىق گۈللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسېلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئالدى بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە پائال مەدەت بېرىپ، كونا ئىنىقلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتىنى پىلانلاپ، شەرقتىن غەربكىچە، دېڭىز بويىدىن ئىچكى رايونلارغىچە، چوڭ دەريالار بويىدىن قۇرۇقلۇق يوللىرى بويىدىكى غول قاتناش لىنىيەسىگىچە گىرادىئېنتلىق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. گۈللەنگەن سۇ يولىغا تايىنىش ئاساسىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىمىز. دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نۇقتىلىق پورتلارنى تىرەك قىلىپ، دېڭىز بويىغا تۇتاشقان غەربىي جەنۇب ــ ئوتتۇرا جەنۇب، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال قاتارلىق ئىقتىسادىي تىرەك بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىمىز. چاڭجياڭ دېلتا رايونى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پان جۇجياڭ دېلتا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوخەي ئەتراپى رايونلىرى ۋە بېيجىڭ ــ تيەنجىن ــ خېبېي رايونلىرىنىڭ بىرلىكتە راۋاجلىنىشىنى كۈچەيتىمىز. پەرقلىق ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھالقىغان چوڭ قاتناش، چوڭ ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرىمىز. دېڭىز ــ ئوكيان — قىممەتلىك كۆك زېمىنىمىز. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ــ ئوكيان ھوقۇق ــ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، زور كۈچ بىلەن دېڭىز ــ ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم. )4( يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە يېزا ئىسلاھاتى ــ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا ئىگىلىكى — ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ساھە، شۇنداقلا جاھاننى تىنچلاندۇرۇپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان كەسىپ. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى بارلىق خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلايمىز، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دانلىق زىرائەت بىلەن ئۆز ئېھتىياجىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىز قامداشقا ۋە ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ تاۋىقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى كۈچەيتىمىز. بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆممىقوناق، قىچا، شېكەرنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش ــ ساقلاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىشانلىق باھا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بازار باھاسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا، زىيادە يۇقىرى بولغاندا تۆۋەن كىرىملىك ئىستېمالچىلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تولۇقلىمىنى ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارغا مايىللاشتۇرىمىز. ئاشلىق، ياغ، چوشقا قاتارلىقلار كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ۋە قوشۇمچە ياردەمنى كۆپەيتىمىز، كالا ــ قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىمىز. يەرنى چوڭقۇر بوشىتىپ تۈزلەشنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرىمىز، بۇ يىل 100 مىليون مو ئېتىزدا سىناق ئېلىپ بارىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەبلەغنى بىرتۇتاش غەملەپ بىرىكتۈرىمىز، مالىيە كۈچى ھەرقانچە جىددىي بولسىمۇ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئازايتىلماي، ئاشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر