باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(24)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر! بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغدىشىنى قوللايمىز. ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنىڭ زور فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 92 ــيىلى ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو رامكىسىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كېڭىشىش ۋە سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلىدىكىلەردەك دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن دوستلۇقنى قوغداپ، قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت ــ ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ قوشىمىز. بىز ئىككى تەرەپنىڭ بارغانسېرى قويۇق باردى ــ كەلدى قىلىشىپ، بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىپ، توسقىلى بولمايدىغان، كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمغا ئايلىنىشىنى كۈتىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر