باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(8)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چىقىرىش» داۋامىدا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئاساس قىلىش يولىنى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنگە بېرىمىز. پۇل مۇئامىلىسى، قانۇن، كونسۇل قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات ئېكسپورتى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى ۋە ئەمگەك ــ مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، 21 ــ ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى پىلانلاش ۋە بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بېنگال ــ جۇڭگو ــ ھىندىستان ــ بېرما، جۇڭگو ــ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم زور تىرەكلىك تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنىڭ راۋانلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد ــ تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز. كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون ئارا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. مۇلازىمەت سودا بىتىمى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش بىتىمى، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىتىمى قاتارلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى تېما ئۈستىدىكى سۆھبەتنى ئالغا سىلجىتىمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، جۇڭگو ــ ئامېرىكا، جۇڭگو ــ ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بىتىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورېيە، ئاۋسترالىيە، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنىڭ جەريانىنى تېزلىتىمىز. سودىنىڭ ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات ــ تەرەققىيات بىرــ بىرىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز. )3( ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رولىنى كۈچەيتىش. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش — ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا زور قۇرۇلما تەڭشەش. ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تىرەك بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈپ، تەمىنات جەھەتتىن كۈچ چىقىرىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستېمالنى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى قىلىمىز. ئاھالىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىستېمال سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز. مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كۈتۈنۈش، ساغلاملىق، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇلازىمەتنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۇچۇر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، 4- ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرلەردە 100 مىگابايتلىق ئوپتىك تالا قۇرۇلۇشى ۋە كەڭ بەلباغلىق يېزا ــ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش» يولىنى تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بازىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ھەر خىل ئۆتكەلنى تۈگىتىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ۋە تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر