باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(5)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز چوڭچوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 3تەرەپ باھالاش ۋە جەمئىيەت باھالاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

  بىر يىلدىن بۇيان، دىپلوماتىيە خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى، ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى، ئاسىياياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى، داۋوس مۇنبىرى قاتارلىق چوڭچوڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئاسىياتىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22قېتىملىق رەھبەرلەر غەيرىي رەسمىي يىغىنى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى مەجلىسىنىڭ 4قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئورنىتىش ۋە خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتناشتۇق. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىنى باشلىدۇق، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلدۇق. بىزنىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى بارغانسېرى نامايان بولماقتا.

  ۋەكىللەر!بىر يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر كۆرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيەگۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

  بىز نەتىجىلەرنىمۇ كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كۈچىمىز ئاجىزلاپ قالدى، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسى كۆپ ئەمەس، خەلقئارا بازار دېگەندەك ياخشىلانمىدى، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشىمىز قىيىنلىشىۋاتىدۇ، بەزى ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپخەتەر ھېلىھەم مەۋجۇت. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەننەرخى ئۆرلەۋاتىدۇ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن ھەم قىممەت بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى ھېلىھەم نىسبەتەن يىرىك، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئوشۇق بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز. ئاممىنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، قاتناش، مائارىپ، كىرىم تەقسىماتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە نارازى بولۇۋاتقان تەرەپلىرى ئاز ئەمەس. بەزى جايلاردا مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر، چوڭچوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى پاتپات يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىكلەر بار، بەزى سىياسەت، تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى قىسمەن خادىملار قالايمىقان ئىش قىلىۋاتىدۇ، قىلىدىغاننى قىلمايۋاتىدۇ، بەزى چىرىكلىك مەسىلىلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئەمەلگە لايىق ئىش قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمايدىغان، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بېجىرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، ئامانلىقتا خەتەرنى، ئاسايىشلىقتا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  2. 2015-يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدۆلىتىمىز دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، تەرەققىيات — چىڭ قائىدە، شۇنداقلا بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ۋە خەۋپخەتەرلەرنى پەسەيتىپ، «ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك، تەرەققىياتتا مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتى بولۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نورماللىققا قەدەم قويۇپ، جاپالىق داۋانلاردىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈزۈلمەمېخانىزمدىكى نۇقسانلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشىمىگەندە، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرىدىغان بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتقا تايىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر