- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(3)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئۇدا 11 يىل ئاشۇردۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۇدا 5 يىل تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈردۇق، يېزا ئىگىلىك پەنتېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق، چوڭچوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 33 مىليون 450 مىڭ موغا يەتتى، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن يېزا تاشيولى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغائوتلاققا قايتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى. يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، تىزىملاپ كىنىشكا بېرىش ئىشلىرى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى تېزدىن يېتىلمەكتە.
كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشىدۇق. يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى تىرىشپ يېتىلدۈردۇق، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. كۆچمە ئالاقە تورى، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياساش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى تېزدىن گۈللەندۈردۇق. ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماددىي ئەشيا تېز يوللانمىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر ھالىتى تېزدىن يېتىلمەكتە. كۆپلىگەن ئىجادىيەتچىلەر بىراقلا مەيدانغا كەلمەكتە، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق پەسەيتىپ، پولاتتۆمۈر، سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى قاتارلىق 15 نۇقتىلىق ساھەدە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىش يىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىدۇق. تۇمانتۈتەكنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار ۋە كونا ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش كۆرسەتكۈچىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدۇق.
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بېيجىڭتيەنجىنخېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. يېڭىدىن ياسالغان 8427 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 16 مىڭ كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پۈتۈپ پويىز قاتنىدى، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 60%ىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل قاتناش مۇساپىسى 112 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋە تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى پۇختا ئىشلەنمەكتە. كەڭ بەلباغ ئابونتلىرى 780 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1قەرەللىك قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي سۇ باشلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى 100 مىليونلىغان ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدۇق. پەنتېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يولىنى تىرىشىپ ئېچىپ، جۇڭگۇەنسۈندىكى دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدا سىناق نۇقتىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، پەنتېخنىكا بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدۇق، پەنتېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق. سۇپېرلىق ھېسابلاش، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىش قاتارلىق چوڭچوڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تارماق لىنىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇشقا باشلىدى.تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى كۆپەيتىپ ۋە پۇختىلاپ، خەلقنىڭ بەختسائادىتىنى ئاشۇردۇق. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلدۇق، تۆۋەن چەكنى ساقلىدۇق ۋە مېخانىزم ئورناتتۇق، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان ھەم چىقىم بېسىمى ئېغىرلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، مالىيە مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىش نىسبىتى 70% تىن كۆپرەك بولدى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى كۈچەيتتۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ئۆرلىدى. شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈردۇق، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى يەنە 10% ئاشتى. كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈشنى يېڭىدىن باشلىدۇق، بۇنىڭدىن 5 مىليون 110 مىڭ يۈرۈشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتۇق، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى 9.97%، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى 14.1% ئۆرلىدى، مېيىپ ھەربىيلەر، قۇربانلار ئائىلىسى ۋە ھەربىيدىن قايتقان پېشقەدەملەر قاتارلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 20% تىن ئارتۇق ئۆستۈردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر