باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويدۇق. باجنى نىشانلىق كېمەيتىش ۋە ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، كىچىكمىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت بېجى ئورنىغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش سىنىقىنى داۋاملىق كېڭەيتتۇق. مالىيە چىقىمىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، زاپاس مەبلەغنى پائال جانلاندۇردۇق. پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش، نىشانلىق تەكرار قەرز بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆسۈمنى سىممېتىرىكسىز تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. كىچىك

  مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپخەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ قالدۇق.

  ئىككىنچىدىن، ئىسلاھاتئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇردۇق. تەرەققىياتنى بوغۇپ قويۇۋاتقان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم توسالغۇسى ئالدىدا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

  نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. مالىيەباج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ ھەمدە يولغا قويۇپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرى ئالدىنقى يىلدىكىنىڭ 1/3ىدىن كۆپرەك كېمەيدى، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ سالمىقى ئاشتى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزدارلىقنى باشقۇرۇش ئىشلىرى كۈچەيتىلدى. ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۇراقسىزلىق دائىرىسى كېڭەيدى، پۇقراۋى بانكا سىنىقىدا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى باشلىدۇق، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە سۇغۇرتا مەبلىغىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئېنېرگىيە، قاتناش، مۇھىت ئاسراش، خەۋەرلىشىش ساھەلىرىنىڭ باھا ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلەتتۇق. پوەن-تېخنىكا مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نوپۇس، ئورگانلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى باشلىدۇق.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدۇق. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پۈتۈن بىر يىلدا 246 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە بېرىپ، باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش تۈرىدىن 29نى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرىدىن 149نى ئەمەلدىن قالدۇردى. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش مۇندەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ، تەستىقلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە تارايتتى. بىز سودا تۈزۈمىنى تىرىشىپ ئىسلاھ قىلدۇق، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتلىرى 12 مىليون 930 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 45.9% كۆپىيىپ، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى شەكىللەندى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى كېمەيمەستىن داۋاملىق كۆپىيىپ، ئىسلاھاتنىڭ غايەت زور ھەيۋىسىنى ۋە بازارنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭىدىن قۇردۇق. ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇردۇق، ئىمپورتنى ئاشۇردۇق، ئېكسپورتنىڭ خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى 119 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 102 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە، شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگوكورىيە، جۇڭگوئاۋسترالىيە ئەركىن سودا رايونىنىڭ ماھىيەتلىك سۆھبىتى تاماملاندى. تۆمۈريول، ئېلېكتىر سانائىتى، نېفىتگاز، خەۋەرلىشىش ساھەلىرى بويىچە تاشقى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشتۇق، جۇڭگونىڭ قورالجابدۇقلىرى چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.ئۈچىنچىدىن، قۇرۇلما تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتتۇق. قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئاكتىپ ئىش كۆرۈپ، بەزى ساھەلەرنى يۆلەپ، بەزى ساھەلەرنى تىزگىنلەپ، ھازىر جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىدۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر