- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(19)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
ۋەكىللەر!
دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش — مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياريۆلەك بولۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆزگىچە مەھەللەبازارلىرىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەيمىز. ھەر مىللەت خەلقى ئىناقئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ماس تەرەققىي قىلسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ ۋە بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ!
بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقمەنپەئىتىنى قوغداپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.
بىز چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىسى ھەم ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىسىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.
ۋەكىللەر!
مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش — دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە يۇقىرىيېڭى تېخنىكىلىق قورالجابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەنتېخنىكىسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەخەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىنئاخىر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ئېغىشماي مۇستەھكەملىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر