- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(13)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
بازارلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ياقا يۇرتتىن كېلىپ شەھەربازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ نوپۇسقا ئېلىنمىغان كىشىلەرگە تۇرۇش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا مۇناسىپ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى قىلىمىز، تۇرۇش كىنىشكىسىگە ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى ئاھالىنى شەھەرلەشتۈرۈشكە چېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش تەننەرخىنى مۇۋاپىق ئۈستىمىزگە ئالىمىز. كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز، قېلىپلاشتۇرىمىز. يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەريېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى پۇختا قۇرۇپ، شەھەريېزىلاردا قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئازىيىشىنى چېتىش سىناق نۇقتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز.
شەھەربازارلارنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بىز شەھەرلەر پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ بىر شەھەردە ئوخشاش بولۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئالاھىدە چوڭ بازارلارنىڭ ھوقۇقىنى چوڭايتىش، فۇنكسىيەسىنى كۆپەيتىش سىنىقىنى يولغا قويىمىز، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيە بازىرى ۋە مەركىزىي بازارلارنىڭ كەسىپ ۋە نوپۇس سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن جايدا شەھەربازارغا ماكانلىشىشىغا قولايلىق يارىتىمىز. ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تارىخىي، جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەتنى قوغدايمىز ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىمىز. شەھەرلەرنىڭ سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش، ئاممىۋى قاتناش ۋە كەلكۈندىن، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، بۇلغىنىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق شەھەر كېسەللىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، سەپەرنى قولايلىقلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرىمىز.
رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ماكانىنى كېڭەيتىمىز. «تۆت چوڭ بۆلەك» ۋە «ئۈچ تىرەك بەلبېغى»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىرىكىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويىمىز. غەربىي رايونلاردا قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېكولوگىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭچوڭ ئۇنىۋېرسال تۈرلەردە ئىش باشلايمىز، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش سىياسەتتەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، شەرقىي رايونلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز، پەرقلىق رايون تەرەققىياتى سىياسىتىنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى رايونلار بويىچە پايدىلىنىشئېچىۋېتىش بىلەن بىرلەشتۈرىمىز، يېڭى ئاسىياياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، قۇرۇقلۇقدېڭىز پورتى تايانچ نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بېيجىڭتيەنجىنخېبېي رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كەسىپلەرنى يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالتۇن سۇ يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە دەريا بويىدىكى پىرىستانپورتلار قاتارلىق چوڭچوڭ قۇرۇلۇشلاردا تەرتىپلىك ئىش باشلايمىز، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق چوڭ يوللارنى ياسايمىز، كەسىپلەرنى يۆتكەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى قۇرۇپ، كەسىپلەرنى شەرقتىن غەربكە پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشكە يېتەكلەيمىز. بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پان جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
دۆلىتىمىز دېڭىزئوكيان چوڭ دۆلىتى، شۇڭا بىز دېڭىزئوكيان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، دېڭىزئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىزئوكيان ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداپ، دېڭىزئوكيان پەنتېخنىكىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىزئوكياننى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى ۋە دېڭىزدىكى كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزئوكيان ھوقۇقمەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دېڭىز ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك دېڭىزئوكيان ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، دېڭىزئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر