- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(4)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئۆلچىمىنى زور ھەجىمدە ئۆرلەتتۇق. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇش پۇلى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئۈچ يىلغا ئۇزارتتۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىپ ئوقۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق، 28 ئۆلكىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە يۆتكەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كۆچۈپ كەلگەن جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا ئىككى يىل 10% تىن ئارتۇق كۆپەيدى. تىرىشىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى 4% تىن ئاشۇردۇق.
تېبابەتچىلىكدورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى بارلىق ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتتۇق، كېسەلنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزدۇق، ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى 95% تىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ئاساسىي قاتلام داۋالاشساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ مۇلازىمەت تورىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتقان ناھىيەشەھەرلەر 1300دىن ئاشتى.
مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردۇق. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ بېرىدىغان چوڭچوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق، رادىيوتېلېۋىزىيە ھەممە كەنتنى قاپلاش قۇرۇلۇشىنى ھەممە ئائىلىنى قاپلاش دەرىجىسىگە يەتكۈزدۇق. نادىر ئەدەبىياتسەنئەت ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازارلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق
بەشىنچىدىن، جەمئىيەتنى تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەرتىپلىك پەسەيتىپ، مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىدۇق.بۇلتۇر يۈننەننىڭ لۇديەن، جىڭگۇ قاتارلىق جايلىرىدا بىرقەدەر كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، بىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق. ئافرىقىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى تىزگىنلىدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ئومۇمىي سانىنى، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھادىسىلەرنى داۋاملىق ئازايتتۇق. داستىخان بۇلغىنىشىنى تىرىشىپ تۈزىدۇق، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق 15 قانۇننى چىقىرىشتۈزىتىش، كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋاقىتلىق نىزامى قاتارلىق 38 مەمۇرىي نىزامنى چىقىرىشئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ چوڭچوڭ تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرى ھەققىدە كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدۇق. مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 3قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلدۇق. قانۇن ياردىمى بېرىش دائىرىسىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەردىن تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە كېڭەيتتۇق. شەھەريېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساھە، جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىۋاسىتە تىزىملاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىدۇق.
بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق. گوۋۇيۈەننىڭ قائىدەتۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىمئىشتاتىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدۇق. مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىپاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك جازا بەردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر