باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(20)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر!

  بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل تۈردە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۆز رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى جەزمەن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  بىز تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتكە دائىر چوڭچوڭ سىياسەتفاڭجېنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ «92يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلايمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ كېڭىشىشسۆھبەتلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ۋە يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ياشلارئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇقمەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قېرىنداشلىق مېھرمۇھەببىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەلب رىشتىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز! ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توسۇۋالغىلى ۋە بۇرىغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

  ۋەكىللەر!

  بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىچكىتاشقى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىنئاخىر قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىنئاخىر ئېغىشماي يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقمەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلام، مۇقىم بولغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز. خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە 2دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تىنچلىقنى قوغداپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن دۇنيا يارىتىشنى خالايمىز.

  ۋەكىللەر!دەۋر جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تارىخىي پۇرسەت ئاتا قىلدى. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، روھىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىيئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشانۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە يارىتايلى!

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر