باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(12)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىمىز، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز.

  بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 1 تىرىليون 100 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى قوغداش ۋە ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يەرنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر بوشىتىلغان يەرنى 200 مىليون مو كۆپەيتىمىز، ئېتىزئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت، يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. دېھقانلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى بازارنى نىشانلاپ تەڭشەشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، بولۇپمۇ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلاردىكى ئاشلىقنى ئۆزىدە ئايلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئاشلىق زىرائىتى تېرىشنى يەمخەشەك زىرائىتى تېرىشقا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىمىز. دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى قالدۇقى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

  يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ دېھقانغا نەپ يەتكۈزىمىز. يېزىلارنىڭ سۇ ۋە يول قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىمىز، بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى 60 مىليون كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايمىز ۋە ئۆزگەرتىپ ياسايمىز، غەربىي رايونلارنىڭ چەتياقا، تاغلىق جايلىرىدىكى سىيرىلما ئارقاننى كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلايمىز. تېخىچە توك ئىشلەتمىگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى توك ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا مۇھىتنى ئوڭشاشنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب گۈزەل يېزاكەنتلەرنى قۇرۇپ چىقىمىز. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ يوللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلەش ھالىتىنى ساقلايمىز. نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا يولغا قويىمىز. قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى نامراتلارنىڭ سانىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىمىز.

  يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھات ئاچقۇچ. بىز ئائىلە ئىگىلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، تېرىقچىلىق، باقچىمىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىقچارۋىچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كوپراتىپلىرى، كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلار قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىلدۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يولغا قويىمىز. يەر ھوقۇقىنى بېكىتىشتىزىملاپ كىنىشكا بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نۇقتىدا سىنايمىز، ئىسلاھات داۋامىدا تېرىلغۇ يەرنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ۋە سۈپەتنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى، دېھقانلار مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تەمىناتسودا كوپراتىپى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇرۇقچىلىق، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى، ئورمان رايونى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يېزا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا رايونى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى ياخشى باشقۇرىمىز. ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى ۋە ۋاقىتلىق سېتىۋېلىشساقلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا نىشانلىق باھا ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى ياخشىلايمىز. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جەملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. مالىيەدە مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرماي كۈچەيتىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى ئازايتماي كۆپەيتىمىز.

  يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. بازارلاشتۇرۇش—شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ تۈپ يولى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئادەمنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ 100 مىليون ئادەم» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  شەھەربازارلاردىكى كەپە ئۆيلەرنى ۋە شەھەريېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي سالىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە كەپە ئۆي رايونىدىكى 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ، 1 مىليون 100 مىڭ يۈرۈشنى كۆپەيتىمىز. شەھەرلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. يېزىلاردىكى 3 مىليون 660 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، 1 مىليون ئائىلىلىكنى كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆينى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. تۇرالغۇ كاپالىتىدە تەدرىجىي ھالدا ئۆي كاپالىتى بىلەن ياردەم پۇلى بېرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم ساقلانما ئۆيلەرنى جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىگە ئۆزگەرتىمىز. ئېغىر تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىگە تۇرالغۇ ياردىمى بېرىمىز. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئۆزى تۇرىدىغان تۇرالغۇ ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆيزېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر