باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(16)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي داۋالىنىشساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن ھەر يىلى كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى 320 يۈەندىن 380 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئىچىدە بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش چارىسىنى پۇختا يولغا قويىمىز. شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئاساسىي قاتلام داۋالاشساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇشداۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 100 شەھەردە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىپ، دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساختىلىق بىلەن ئۆستۈرۈۋېلىنغان دورا باھاسىنى چۈشۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېرىم ئۇسۇلى ئارقىلىق راسخوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سېلىقىنى تىرىشىپ يېنىكلىتىمىز. دوختۇرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى يولغا قويىمىز. داۋالاش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇرەسسە قىلىش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز. ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 35 يۈەندىن 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، كۆپەيتىلگەن قىسمىنىڭ ھەممىسىنى كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئاساسىي جامائەت ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىپ، نەچچە يۈز مىليون دېھقاننىڭ ئۆز جايىدا ياكى يېقىن جايدا كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىمىز. ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز. پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلاملىق — ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇڭا داۋالاشساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. مەدەنىيەت — مىللەت روھىنىڭ جېنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئەدەبىياتسەنئەت،ئاخباراتنەشرىياتچىلىق،رادىيوكىنوتېلېۋىزىيە ۋە ئارخىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. تېخىمۇ كۆپلىگەن نادىر ئەدەبىياتسەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى ۋە باراۋەرلىشىشىنى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركەزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئاراغا تارقىتىش ئىقىتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، 2022يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھەلەر، جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشىنى قوللايمىز، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە خەيرىساخاۋەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز، مەھەللىدە ۋە ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق مۇلازىمىتى قىلىمىز، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت قوغداش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقمەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز. جامائەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە، ئۆلچەشسىزىش، گېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقتەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق مۇرەسسەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭچوڭ تەدبىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتىكى خەۋپخەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە پەسەيتىمىز. ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەم شۇ جايدا ھەل قىلىمىز. تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆپ تەرەپلىك تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شۇنىڭدەك سېرىق، قىمار، زەھەر جىنايىتى، بىدئەتچىلىك، ئەتكەسچىلىك قاتارلىق قانۇنغان خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، تور ماكانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن قىممەتلىك، شۇڭا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنىڭ تولۇق جەريانىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر