باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(17)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىتنى ئوڭشاش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى خەلق تۇرمۇشىغا ئاپەت ياغدۇرىدۇ، ئەل رايىغا ئازار بېرىدۇ. شۇڭا، مۇھىتنى قاتتىق تۈزەيمىز. بۇ يىل كاربون )Ⅳ( ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 3.1%تىن كۆپرەك، خىمىيەۋى ئايروبىك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى بىردەك 2% چامىسىدا، گۈڭگۈرت )Ⅳ( ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى 3% چامىسىدا، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى 5% چامىسىدا ئازايتىمىز. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئەكونتىرول مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈردىن پاكىز ھەم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا كۆمۈر ئىستېمالىنى ئاشۇرماسلىققا تۈرتكە بولىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تىزگىنلەپ، ماي ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلەتنىڭ 5دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغان بېنزىن، دىزلېن بىلەن تەمىنلەيمىز. 2005يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل بىراك قىلىمىز. كېلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ ھازىرلىق كۆرۈپ، كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنىڭ سىنىقىنى كېڭەيتىمىز. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىزگىنلەش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، دەريا، كۆل، دېڭىز سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى، سۇ بۇلغىنىش مەنبەسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇنى مەنبەدىن جۈمەككىچە تولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۇلغانغان مۇھىتنى 3تەرەپ تۈزەش چارىسىنى يولغا قويىمىز. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىز مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇنلارنىڭ ئىجراسىنى چىڭىتىپ، بۇلغىمىنى يوشۇرۇن چىقارغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېغىر بەدەل تۆلىتىمىز؛ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىمىز.ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت ئېلېكتىرى، بىيوماسسا ئېنىرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، سۇ ئېلېكتىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز، يادرو ئېلېكتىرىنى بىخەتەر تەرەققىي قىلدۇرىمىز، سالېنتس گازى ۋە كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ئېچىپ پايدىلىنىمىز. ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىمىز، سانائەت، قاتناش ۋە بىناكارلىق ساھەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى كۈچەيتىمىز. ئايلانما ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت تاشلاندۇقلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېلىمىزدە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش بازارلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور، شۇڭا ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنى گۈللەنمە تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.ئورمان، ئوتلاق، دەريا ۋە سۇلۇق يەر تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان يېشىل بايلىق، شۇڭا ئۇلارنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. چوڭچوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە باشلامچىئۈلگە رايونلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى دەريا ۋادىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرىتۆۋەن ۋادىلارغا توغرا يۆنىلىشتە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى سىنىقى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ دەريا ۋادىسىنى ياخشى قوغدايمىز. تەبىئىي ئورماننى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى تەرتىپلىك توختىتىمىز. بۇ يىل تېرىلغۇدىن ئورمانغائوتلاققا قايتۇرىدىغان يەرنى 10 مىليون مو كۆپەيتىپ، 90 مىليون مو ئورمان بەرپا قىلىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلىشىمىز، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك، بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بوشاشماي چىڭ تۇتىدىغانلا بولساق، جەزمەن ئاسمىنى كۆپكۆك، سۇلىرى سۈپسۈزۈك ماكان بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالايمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر