باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(6)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، جانلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ تەسىرى زورىيىۋاتىدۇ، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ھېلىھەم كۈچىيىۋاتىدۇ، تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نىنى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يوشۇرۇن كۈچ، ئىلاستىكىلىق ۋە ئىمكانىيەت غايەت زور. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى كۈنسايىن پۇختىلاپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەشتىزگىنلەش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. كۈلپەت ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى بىر يىل — ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم يىل بولىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى∶ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18

  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3، 4ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «4 ئومۇميۈزلۈك» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت رېتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىسلاھات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەۋپخەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئومۇمىي تەلەپنى ياخشى ئىگىلەشتە، مەۋقەنى ئىقتىسادنى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «قوش نىشان»غا قويۇپ، سىياسەتنى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، قولمۇقول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت «قوش قوزغاتقۇچ» بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تەڭشەلگەندە تەرەققىياتنى ئاستىلىتىپ قويماسلىققا، مىقدار ئاشۇرۇلغاندا سۈپەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى∶ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 7% چامىسىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى 3% چامىسىدا تىزگىنلەش، شەھەربازارلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەربازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتىنى 4.5% ئىچىدە كونترول قىلىش، ئىمپورتئېكسپورت نىسبىتىنى 6% چامىسىدا ئاشۇرۇش، خەلقئارا كىرىمچىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىنى 3.1% تىن كۆپرەك ئازايتىپ، ئاساسىي بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش.

  ئىقتىسادنى 7% چامىسىدا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمە نىشان قىلىشتا ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى تەڭ ئويلاشتۇق، بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشقان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە، شۇنداقلا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بىز مۇشۇنداق سۈرئەت بىلەن خېلى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى ساقلاپ قالساق، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز. مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەتچىلىك سالمىقىنىڭ ئېشىشى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 7% چامىسىدىكى تېزلىك ئارقىلىق خېلى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر