باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(8)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 12بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى، بىز 12بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشانۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق، 13بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىمىز.

  3. ئىسلاھاتئېچىۋېتىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان غەلىبە ئەڭگۈشتىرى، شۇڭا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇملۇققا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىسلاھاتلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى قۇدرىتىنى نامايان قىلىمىز.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ تۆۋەنگە ھوقۇق بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە بېرىپ، غەيرىي مەمۇرىي ئىجازەت تەستىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىقنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىمىز، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتالنى تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى ئېنىقلايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز.

  بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بازار بىلەن جەمئىيەتكە بېرىدىغان ھوقۇقلارنى ئېلىپ قالماي تولۇق بېرىشى، يۇقىرىدىن بېرىلگەن تەستىق تۈرلىرىنى لايىقىدا، ئوبدان باشقۇرۇشى كېرەك. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، كارخانىغا ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان تورنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمى ۋە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىمىز، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. ئەخلاقپەزىلەت كىچىك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، ھوقۇقنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئادىل رىقابەتلىشىشىگە قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بارلىق مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۆھلەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى قىسقارتىش يولى بىلەن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

  كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەستىقلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە تارايتىپ، تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىمىز. سېلىنما تۈرلىرىنى ئالدىن تەستىقلاشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تۈرنى توردا بىرلىشىپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى پاي ھوقۇقى سېلىنما فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنما ياردەم پۇلى بېرىش، كاپىتال كىرگۈزۈش، فوند تەسىس قىلىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى نۇقتىلىق تۈرلەرگە سېلىشقا يېتەكلەيدۇ. تۆمۈريول تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تۇتقا قىلىپ، تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۇل ئەسلىھەلەر، جامائەت ئىشلىرى ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كاپىتال ھەمكارلىقى ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىمىز.

  پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، باھا ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. ئىسلاھات يۆنىلىشى بازارنىڭ بايلىق تەقسىملىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، شۇڭا باھاسىنى ھۆكۈمەت بېكىتىدىغان تۈرلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، رىقابەتلىشىش شەرتىنى ھازىرلىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى پىرىنسىپ جەھەتتە تولۇق قويۇۋېتىمىز. مۇتلەق كۆپ قىسىم دورىلاردا ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، بىر تۈركۈم ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بويىچە ھەق بېكىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىمىز. توك يەتكۈزۈشتەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە كېرەكلىك سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ شوتىسىمان باھا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كىرىمى تۆۋەن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر