باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(9)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيەباج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا ۋە ئوچۇق خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەركەز ۋە جايلاردىكى بارلىق تارماقلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلىرىدىن باشقا خامچوت ۋە نەقچوتلىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىمىز. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىغا كىرگۈزۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويىمىز. مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. تىجارەت بېجى ئورنىغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاپ، ئىستېمال بېجى سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. باج ئېلىشباشقۇرۇشقا دائىر قانۇنلارنى تۈزىتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز، يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم ئايرىمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەيمىز. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شارائىت ھازىرلىغان ئەلئارا كاپىتال ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، نورما بېكىتىۋالماي، قانچىسىنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلسە شۇنچىسىنى تەستىقلايمىز. يېزا ئامانەتقەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيەنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. ئېچىش خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جامائەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدىكى رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرىمىز. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەشتىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك لەيلىمە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىمىز. خەلق پۇلى كاپىتالى تۈرىنىڭ ئايرىباشلاشقا بولۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارادا ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، خەلق پۇلىنى دۇنيا بويىچە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش سىنىقىنى يولغا قويىمىز، شېنجېن ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى مۇۋاپىق پەيتتە باشلايمىز. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، پاي ھوقۇقى بىلەن جامائەتتىن غەملەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويۇپ، كىرېدىت مۈلكىنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، غايەت زور ئاپەت سۇغۇرتىسى ۋە شەخسىي باج كېچىكتۈرۈلىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويىمىز. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپخەتىرىدىن ساقلىنىمىز ۋە ئۇنى پەسەيتىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كاپىتالى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى توغرا بېكىتىپ، ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركىتى سىنىقىنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان ھەرىكەت مۇھىتى يارىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، سېلىنما تۈرلىرىگە غەيرىي دۆلەت كاپىتالىنىڭ پاي قوشۇشىنى رىغبەتلەندۈرىمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىتگاز تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى يولغا قويۇش سېلىقىنى ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلىرىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئىشچىخىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقمەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا تىجارەتچىلىرىگە ئىلھام بېرىش ۋە چەك قويۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر