باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(1)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېرىلگەن

  لى كېچياڭ

  ۋەكىللەر: ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  1. 2014-يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكىتاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ھەم كەسكىن بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرىتوقاي بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. ئېلىمىزدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق ئېغىرلاۋاتىدۇ، كۆپ خىل قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتتى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا يەنە پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى باشلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. مۇقىملىقنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىدىن ئىبارەت. ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 63 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7.4% ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۇراقلىق بولدى، شەھەربازارلاردا 13 مىليون 220 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولدى. باھا تۇراقلىق بولدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 2% بولدى. ئىلگىرىلەشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى شۇكى، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۈچەيدى. ئىقتىساد قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلاندى، ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 210 مىليارد جىڭغا يەتتى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپە نىسبىتى 3 پىرسەنت پوئېنتى ئۆرلەپ 51.2% كە يەتتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى سالمىقى 46.9% تىن 48.2% كە يەتتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن تېز بولدى. تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆرلىمەكتە، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 8.6% كۆپەيدى، تەتقىقات ۋە سىناق تەرەققىيات چىقىمى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسى 2% تىن ئېشىپ كەتتى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ سىجىللىقى 4.8% تۆۋەنلىدى، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدۇ. خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەمەلىيەتتە 8% كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەمەلىيەتتە 9.2% كۆپىيىپ، شەھەربازار ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 12 مىليون 320 مىڭى ئازايدى؛ يېزا ئاھالىسىدىن 66 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ئىسلاھاتئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش بولدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنىڭ 3/1ىنى كېمەيتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا توختىمىدى، بۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانتەرى سىڭدۈرۈلگەن، بۇ بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا قىيىنچىلىق ۋە خىرىس بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن ئېغىر بولدى. بىز قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

  بىرىنچىدىن، رايونلار دائىرىسىدە تەڭشەشتىزگىنلەش ئاساسىدا، نىشانلىق تەڭشەشتىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدۇق. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلاۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇردۇق، قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانماستىن، ماكرولۇق تەڭشەشتىزگىنلەش ئويپىكىرىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاپ، نىشانلىق تەڭشەپ، تىزگىنلەپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتۇق، ئاجىز جايلارنى تولۇقلىدۇق، ئەمەلىي گەۋدىلەرنى كۈچەيتتۇق. ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنىڭ يۇقىرىتۆۋەن چېكىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، سىياسەتنى نىشانلىق يولغا قويۇپ، خىزمەت نىشانىنى توغرىلاپ، شۇ نىشان ب ويىچە كۈچىدۇق. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ياردەمگە ئېرىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ بېرىشتىن يوشۇرۇن كۈچ ھاسىل قىلىپ، ھەم بازار ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ھەم سۈرئەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر