باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(10)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. شۇڭا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە ئېغىشماي رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، كارخانىچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەتتەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ مالمۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز.

  پەنتېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تېبابەتچىلىكدورىگەرلىكساقلىق ساقلاش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كەسپىي ئورۇن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. تەرەققىيات ئىسلاھات تۈرتكىسىگە موھتاج، ئامما ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تەقەززا، شۇڭا بىز تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدىغان، خەلققە نەپ بېرىدىغان ئىسلاھات نەتىجىلىرى بىلەن تىرىشىپ جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئېچىۋېتىشمۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش تەشەببۇسكارلىقى ئارقىلىق، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقى، خەلقئارا رىقابەت تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سېلىقىنى يېنىكلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2015يىلدىن باشلاپ مەركەز مالىيەسى تولۇق ئۈستىگە ئالىدىغان بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، يەرلىك بىلەن كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. ئىمپورتئېكسپورت ھالقىسىدىكى ھەقنى ئېنىقلايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ھەق ئېلىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز. تاشقى سودا رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددە بېرىدىغان ئۈلگىلىك شەھەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىمپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىلغار تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە، مۇھىم دېتالبۆلەكلەر ئىمپورتىنى كۆپەيتىمىز.

  چەت ئەل مەبلىغىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنما كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىش كاتالوگىنى تۈزىتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا چەك قويىدىغان تۈرلىرىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئەنگە ئېلىش، چەكلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتەك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا دائىر قانۇنلارنى تۈزىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا سودا مۇھىتى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز. سىرتقا چىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويىمىز. كارخانىلارنى چېگرا سىرتىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتىرون قاتارلىق جۇڭگونىڭ جابدۇقلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، مېتاللورگىيە، بىناكارلىق ماتېرىيالى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئاساس قىلىنغان تاشقى سېلىنما باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىمىز، ئېكسپورت كىرېدىت سۇغۇرتىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورت ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلىدىغان يۈرۈشلۈك چوڭ ئەسلىھەلەردىن سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىلايمىز. تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن پايدىلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر، قانۇن، كونسۇل جەھەتتىن قوغداش مۇلازىمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەۋپخەتەردىن مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەلدىكى ھوقۇقمەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىرتقا چىقىش، سىرتقا چىقىپ پۇختا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقئارا رىقابەتتە مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ھەمكارلىقى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جۇڭگوپاكىستان، بېنگالجۇڭگوھىندىستانبىرما ئىقتىساد كارىدورلىرىنى بەرپا قىلىمىز. ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە چېگرا رايوننى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادتېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىجادىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پىشقان تەجرىبىلەرنى مەملىكەت بويىچە تېزدىن كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە ئىسلاھاتئېچىۋېتىش ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر