باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(7)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلەيمىز.

  بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالدىن تەڭشەش، مىكرولۇق تەڭشەش، نىشانلىق تەڭشەشتىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشۇرمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساقلانمىنى جانلاندۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىمىز. مىكرو ھاياتىي كۈچ ئارقىلىق ماكرو مۇقىملىققا تىرەك بولۇپ، تەمىناتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئومۇمىي مىقدارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرىمىز. بۇ يىل 1 تىرىليون 620 مىليارد يۈەن مالىيە قىزىل رەقىمى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇ بۇلتۇرقىدىن 270 مىليارد يۈەن ئارتۇق، دېمەك قىزىل رەقەم نىسبىتىنى بۇلتۇرقى 2.1% تىن 2.3% كە ئۆستۈردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 120 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 170 مىليارد يۈەن كۆپەيدى؛ يەرلىكنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، 100 مىليارد يۈەن كۆپەيدى. قەرز باشقۇرۇش بىلەن مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشمەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلايمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا مەخسۇس زايوم تارقىتىمىز، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە داۋاملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپخەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى پەسەيتىمىز. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ساقلانما مەبلەغنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش ۋە ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىمىز.

  پۇختا پۇل سىياسىتىنىڭ بوشچىڭلىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەيمىز. كەڭ مەنىدىكى پۇل M2نى 12% چامىسىدا كۆپەيتىشنى مۆلچەرلىدۇق، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئازتولا ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ماكرو جەھەتتە سالماق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى، ئۆسۈم نىسبىتى، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى، تەكرار قەرز قاتارلىق پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، پۇل كىرېدىتى كۆلىمىنى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى سالماق ئاشۇرىمىز. مەبلەغ ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، كىرېدىت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن پۇلنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا يېتەكلەيمىز.

  ئىككىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايمىز. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش» زىددىيىتىگە دۇچ كەلدى، بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسى كۈچەيدى، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ تەننەرخى ئۆرلىدى، يۇقىرى سېلىنما ۋە يۇقىرى سەرپىياتقا تايىنىش، مىقدارنى ئاشۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشتەك تەرەققىيات ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختاۋاتىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلمىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىمىز. ھەم سۈرئەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق يۈرۈشىشىگە، ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە كىرىمنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ياخشىلاشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىمىز، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمىز، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي مۇھىم ئامىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز، سۈپەت، ئۆلچەم ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماكانى ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش پەللىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرىمىز. تەرەققىيات داۋامىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە بەرپا قىلىمىز. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىشىپ قالدى، شۇڭا بىز قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى قوزغاتقۇچنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى قوزغاتقۇچ بەرپا قىلىمىز. بىر تەرەپتىن، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىمىز، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز، تەمىنات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. بۇ كەم جايلارنى تولۇقلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكىمۇ، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، قولمۇقول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. بۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يەنە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە يۆتكىلىشىنى ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئېلىمىزدە 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالە، 900 مىليون ئەمگەك كۈچى بايلىقى بار، خەلقىمىز ئەمگەكچان ھەم ئەقىلپاراسەتلىك خەلق، خەلق ئارىسىغا پۈتمەستۈگىمەس ئىجادكارلىق يوشۇرۇنغان، بىز مىليونلىغان بازار ھۈجەيرىسىنى جانلاندۇرىغان بولساق، جەزمەن غايەت زور تەرەققىيات كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى باشتىنئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايمىز. ھۆكۈمەت دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، بازار ۋە جەمئىيەتكە يېتەرلىك تەرەققىيات ماكانى قالدۇرۇپ، ئادىل رىقابەت ئۈچۈن مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شەخسلەر ۋە كارخانىلار دادىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كىشىلەرنى بايلىق يارىتىش داۋامىدا مەنىۋى ئىستىكى ۋە ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر