- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(11)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايونلار ئارا ئېچىۋېتىشھەمكارلىشىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى كېلىشىمىنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇھىت مەھسۇلاتلىرى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش جەھەتلەردىكى خەلقئارا سۆھبەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز. ئەركىن سودا رايونى ئىستىراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جۇڭگوكورېيە، جۇڭگوئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاپ، جۇڭگوياپونىيەكورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتى ۋە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بويىچە كېلىشىم تۈزۈش سۆھبىتىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئاسىياتىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ چىقىمىز. جۇڭگوئامېرىكا، جۇڭگوياۋروپا سېلىنما كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان ھەم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان دۆلەت، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى، دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشنى خالايمىز.
4. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ۋە قۇرۇلمىنىياخشىلاشقا ماس تۈرتكە بولىمىز
مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىربىرىگە زىچ باغلانغان. بىز ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىشىمىز، ھەم ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاققىچە، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرىمىز. ئاممىۋى ئىستېمالغا ئىلھام بېرىپ، ھۆكۈمەت ئۈچ خىل خىراجىتى ئىستېمالىنى تىزگىنلەيمىز. كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۇچۇر ئىستېمالىنى زورايتىمىز، ساياھەتئىستىراھەت ئىستېمالىنى يۈكسەلدۈرىمىز، يېشىل ئىستېمالغا تۈرتكە بولىمىز، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئاشۇرىمىز. «ئۈچ تور»نى بىرىكتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئوپتىك تالا تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەڭ بەلباغلىق تور سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تېز يوللانمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ۋاسىتە قىلغان، تور ئىچىسىرتىدا ھەمتۈرتكە بولىدىغان گۈللەنمە ئىستېمالنى جانلاندۇرىمىز. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈرۈشتۈرۈش، قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختا، ناچار مەھسۇلات ياساش، سېتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقمەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئىستېمال جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىپ، يۈز مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
جامائەت مەھسۇلاتلىرى ئۈنۈملۈك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىمىز. -12بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلايمىز. ئاساسلىقى∶ كەپە ئۆي ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئوتتۇراغەربىي رايونلار تۆمۈريولى ۋە تاشيولى، ئىچكى دەريالاردىكى سۇ يولى قاتارلىق چوڭچوڭ قاتناش قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىتگاز قاتارلىق چوڭچوڭ تور قۇرۇلۇشى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە نېفىتگاز، قېزىلما بايلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئەنئەنىۋى كەسىپتېخنىكىلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەشمۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلايمىز. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىكى سېلىنمىنى 477 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە كۆپەيتتۇق، لېكىن بۇنىڭدا ھۆكۈمەت «يالغۇز ئىش قىلمايدۇ»، ئەل ئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە يېتەكلەيدۇ. تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىنما سالمىقىنى ساقلاپ، 8000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە قاتناش باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش تورىنى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇپ، قاتناشنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرىمىز. ئىش باشلانغان 57 چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، بۇ يىل يەنە 27 تۈردە ئىش باشلاپ، قۇرۇلۇش ئۈستىدىكى چوڭچوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى كۆلىمىنى 800 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىمىز. كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، تۆمۈريول، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا تەڭ مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياجنى تېخىمۇ جانلاندۇرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر