- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(15)
2015.03.18 09:01 مەنبە: خەلق تورى
5. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىيقۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز
خەلقنى بېيىتىش — دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بىز خەلقنىڭ بەختسائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تۈرلۈك ئامالچارە بىلەن كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكلەيمىز. بۇ يىل 7 مىليون 490 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، بۇ — تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىمىز. قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقىتىدارىنى پەسەيتىش جەريانىدا ئىشسىز قالغانلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. يېزا يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچى، شەھەربازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلار، ھەربىيدىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىمىز، كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىشلىكى مېخانىزمى ۋە تالاشتارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقمەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرىمىز.
ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىمىز ۋە ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى 10% ئۆستۈرىمىز. شەھەريېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ھالدا 55 يۈەندىن 70 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. شەھەربازاردىكى ئىشچىخىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز. ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئورگانلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاش تۈزۈمىنى تەڭ قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىگە مايىللاشتۇرىمىز، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ۋە پاناھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جىددىي، قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن بولۇش، ۋاقتىدا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، ياشانغانلار ئىچىدىكى بەك چوڭ ياشلىقلار ۋە ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار، ئېغىر مېيىپلار ۋە نامرات مېيىپلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، پاراۋانلىق كاپالىتى تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەريېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. مائاش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەنپەئەت بېرىش دائىرىسى كەڭ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ سىياسەتنى چوقۇم تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش — دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشى، شۇڭا بىز خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى كاپالەتلىك قىلىمىز.
مائارىپنىڭ ئادىل تەرەققىي قىلىشى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپ — ھازىرقى چوڭ ئىش، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. بىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىسلاھاتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاجىز مەكتەپلەر ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى ماكانلاشقان جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. جايلاردىكى بەزى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەرنى ئەمەلىي كەسىپلەرنى ئېچىشقا يېتەكلەيمىز، نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەردىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى بەرپا قىلىمىز، ئالاھىدە مائارىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، داۋاملىق تەربىيە ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى كۈچەيتىمىز. پۇقراۋى مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر تىيىن پۇلنىمۇ جايىدا خەجلەيمىز. يېزىلاردىكى ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىك يۆنىلىشتە يۈرۈشۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەربىر ئادەمنى بىلىم ئېلىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر