باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(18)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىزبىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

  ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىزىغا سالىمىز. ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ تۈپ ھەرىكەت مىزانىمىز، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ۋە قانۇننى ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىمىز. بارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىش شەرت، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق تارمىقىنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قەتئىي تۈردە قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلاردا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋاللىرىنى چوقۇم تۈزىتىمىز.

  ئىجادىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشپ ئاشۇرىمىز. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدە، ئىمكانقەدەر مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، 3تەرەپ تەمىنلەيدىغان لاۋازىمەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى بازار ياكى جەمئىيەتنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىمىز. ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىكىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش چارىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە توردا ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، دېموكراتىك پارتىيەگۇرۇھلارنىڭ، سوداسانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، پارتىيەسىزگۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىشى كېرەك. بىز بارلىق خىزمەتلەردە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

  ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلىپاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدەتۈزۈمىلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى چىرىكلىكنىڭ گەۋدىلىك ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا بىز ھوقۇقنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق پاكلىقنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى ماكانىنى قەتئىي يوقىتىمىز، چىرىكلىكنىڭ تۇپرىقىنى تىرىشىپ تۈگىتىمىز. مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت مەبلىغى، جامائەت بايلىقى ۋە دۆلەت مۈلكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىمىز. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىنئاخىر ساقلاپ، چىرىكلەشكەنلەرگە زادى يول قويماي، ئۇلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. چىرىكلىك قىلمىشى مەيلى رەھبىرىي ئورگانلاردا يۈز بەرسۇن ياكى ئامما ئارىسىدا يۈز بەرسۇن، ئۇلارنى قاتتىق جازالايمىز.

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش ۋە خەلقنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىققا قەدەم قويدى، شۇڭا روھىي قىياپىتىمىزنىمۇ يېڭىلىشىمىز كېرەك. مەمۇرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش ۋە بەختسائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باشتىنئاخىر ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بۇرچىنى باشتىنئاخىر زىممىسىگە ئېلىشى، باشتىنئاخىر ئاممىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى ئىجادىي ئىشلىشى لازىم. بىز نەتىجىنى سىناشباھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەيمىز، خىزمەتتە ئاجىز بولغانلارنى قالدۇرۇش ھەققىدە نەسىھەت بېرىمىز، ئەمىلىگە لايىق ئىش قىلمىغان، ھۆكۈمەت ئىشىدا ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنى ئاشكارىـلاپ، جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر