باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (9)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7. ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش

  ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن، مەملىكەت ئىچىگە ئېچىۋېتىش بىلەن مەملىكەت سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى بىر-بىرىگە تۈرتكە قىلىش، كىرگۈزۈش بىلەن سىرتقا چىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىشى، بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشالايدىغان ۋە ئۇنى يېتەكلىيەلەيدىغان يېڭى ئەۋزەللىكنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  (24) مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى كەڭ قىلىش. ئىچكى-تاشقى مەبلەغكە دائىر قانۇن-نىزاملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغكە قارىتىلغان سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، ئاشكارىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى ساقلاش لازىم. پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق مۇلا-زىمەتچىلىك ساھەلىرىنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلار تەربىيەسى، كۈتۈنۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، بوغالتىرلىق تەپتىشلىكى، سودا مال ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىك ساھەلىرىگە تاشقى مەبلەغنىڭ كىرىشىگە قويۇلغان ئىجازەت چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىپ، ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قويۇۋېتىش لازىم. تاموژنىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش رايونىنى بىرلەشتۈرۈش-ياخشىلاشنى تېزلىتىش كېرەك.

  جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوللانغان زور تەدبىرى بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلاش لازىم. ھازىرقى سىناق نۇقتىلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، شارائىتى ھازىرلانغان بىرقانچە جاينى ئەركىن سودىنى راۋجلاندۇرۇش رايونى (پورتى) قىلىپ تاللاش كېرەك.

  كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدا سېلىنما ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا، خېيىم-خەتەرنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان ئاساستا ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارغا بېرىپ، قۇرۇلۇش ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقى تۈرلىرىنى ئىختىيارىي ئۈستىگە ئېلىشىغا، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كارخانا قۇرۇشقا ۋە قوشۇۋېلىشقا مەبلەغ سېلىشى، ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشى، بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇش لازىم.

  ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تېزلىتىپ، چەتكە چېتىشلىق سېلىنمىنى تەستىقلاش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، كونسۇل قوغداش تۈزۈلمىسىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق-مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش، سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇش، خېيىم-خەتەردىن سىگنال بېرىشكە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىپ، سېلىنما ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش لازىم.

  (25) ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. دۇنيا سودا تۈزۈلمىسى قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك، رايونلۇق، ئىككىلەمچى رايونلۇق ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ، ئەتراپنى ئاساس قىلىپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇش لازىم. بازار ئىجازىتى، تاموژنا نازارەتچىلىكى-باشقۇرۇشى، پىرىيوم-كارانتىن قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇھىت ئاسراش، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتار-لىق يېڭى تېما ئۈستىدىكى سۆھبەتنى تېزلىتىپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  (26) ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلارنى ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش. دۇنيا بويىچە كەسىپلەر قايتىدىن جايلىشىۋاتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى سودا، سېلىنما، تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، تەڭكەش راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى كەسىپلەر توپىنىڭ تە-رەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان تۈزۈم-مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى شەھەرلەردە خەلقئارا يولۇچى-مال تىرانسپورت لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنى كېسىپ ئۆتكەن، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشقى ئىقتىساد كارىدورىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، پورت باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق پورت، چېگرا شەھىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىشى، پىششىقلاپ ئىشلەش، مال ئوبوروتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئالاھىدە ئۇسۇل ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر