باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (21)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (47) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش. سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەش ۋە ئاھالە ئاپتونومىيەسىنىڭ بىر-بىرىگە ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق بىلەن چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. مەنبەسىدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ماھىيىتىدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت-باشقۇرۇش سۇپىسىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى قاتلامدىكى مەنپەئەت تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  (48) ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش. ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قىلىشىغا لايىق كېلىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ھەل قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىشلارنى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇش لازىم. پىدائىي مۇلازىمەتچىلەر تەشكىلاتىنى قوللاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلاردىن مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ئۈزۈشىنى مۆھلەت بەلگىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى تۈرىدىكى، پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى، جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىدىكى، شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ ۋە ئاۋۋال راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشۇ تەشكىلاتلارنى قۇرۇشتا، قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە چېگرا سىرتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  (49) ئىجتىمائىي زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىدىغان ۋە ئۇنى ھەل قىلىدىغان تۈزۈلمىلەردە يېڭىلىق يارىتىش. چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك. راۋان، تەرتىپلىك بولغان تەلەپ ئىپادىلەش مېخانىزمى، پىسىخىكىسىغا ئارىلىشىش، زىددىيەتنى مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇق-مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىز-مىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلالايدىغان، زىددىيەتنى ھەل قىلالايدىغان، ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىلىدىغان دېلولارنى قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ ۋە نامۇۋاپىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى تۈزىتىش كېرەك. خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە ۋە ئەدلىيەلىك مۇرەسسەنىڭ ھەمتۈرتكە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ھەل قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، توردا ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا-تەلىپىنى ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنغا، دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەتلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىپ ھەل قىلىپ، قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر