باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (2)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى

  (2013-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان)

  پارتـىـيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر-لاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىز-چىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر-لاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىپ، تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.

  1. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىۋە يېتەكچى ئىدىيەسى

  (1) ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ‐‐ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى چا-قىرىلغاندىن بۇيانقى 35 يىل مابەينىدە، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈزۈم ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، بۇ ئىشتا بەلنىڭ چىڭلىقى، ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى، تەسىرنىڭ كەڭلىكى ئىلگىرى زادى بولۇپ باقمىغان، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك ھە-رىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەت بولدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ‐‐ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ قارار، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ زور قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدە مۇھىم ئەڭگۈشتەر.ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭمۇ چېكى يوق. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بۇ ئاساستا دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زاما-نىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر-لاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش شەرت.

  (2) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، پىلاننى بىرتۇتاش تۈزۈپ، ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە ئاشۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور ئىستىقبالىنى تىرىشىپ ئېچىش شەرت.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى ‐‐ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك سىياسىي، ئىلغار مەدەنىيەت، ئىناق جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بەس-بەستە ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق بۇلاقنى تولۇق ئېچىپ، پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش شەرت.

  ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈ-زۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ساغلام خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر