باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (6)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە پۇختىلىق ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە خېيىم-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش جاۋابكارلىقىنى بەلگىلەش كېرەك. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بازار-لاشقان چېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك يۈرۈشىشى ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  (13) پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش، توپلاشما يېڭىلىق يارىتىش، كىرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈ-رۈپ-قوبۇل قىلىپ قايتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا يېڭىلاشقا بازار يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بازارنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى يۆنىلىشى، يول تاللاش، مۇھىم ئامىل باھاسى، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قوللىنىشچان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىدىغان ئاپپاراتلارنى بازارلاشتۇرۇش ۋە كارخانىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى ساغلاﻣ-لاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. مەمۇرىي يېتەكچىلىك ۋە تارماق ئايرىمچىلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، خىراجەت تەقسىملەش ۋە نەتىجە باھالاشنى ئاساسلىقى بازار بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخنىكا بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخنىكا يۆتكەش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تەۋەككۈل سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى كاپىتاللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈ-رۈشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  پەن-تېخنىكا يىرىك پىلانى ۋە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تەتقىقاتى ۋە ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردەك جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش لازىم. يېڭىلىق يارىتىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۆلەت پەن-تەتقىقات بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تۈر باھالاشنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئاكادېمىكلارنى تاللاش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياش، ئوتتۇرا ياش ئىختىساﺳ-لىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاكادېمىكلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋە چېكىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  4. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىش

  ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىي بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى ‐‐ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈ-زۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش شەرت.

  (14) ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، زور ئىقتىسا-دىي قۇرۇلمىلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنىڭ سەرخىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇش تەسىرىنى ئازايتىش، رايونلۇق، سىستېمىلىق خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇ-رۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي ۋەزىپە. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلانىنى يېتەكچى، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلغان ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى بېكىتىش ۋە سىياسەت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىشنى مېخانىزملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتى بىلەن كەسىپ سىياسىتى ۋاسىتىسى، باھا سىياسىتى ۋاسىتىسى قاتارلىق سىياسەت ۋاسىتىلىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالغا قاراپ قارار قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ مۇ-كەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتلىق ئورنىنى تىكلەش لازىم. كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشى، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقىنى ئېچىش ۋە زور جامائەت مەنپەئىتى قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىشلىق بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلىرىنى كارخانىلار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە بىردەك ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ، ئۇنى ھۆكۈمەت قايتا تەستىقلىمايدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش، يەر تېجەش، سۇ تېجەش، مۇھىت، تېخنىكا، بىخەتەرلىك قاتارلىق بازار ئىجازىتى ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تەرەققىيات نەتىجىسىنى سىناش-باھالاش سىستېمىسىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىسىنى نوقۇل ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق باھالايدىغان خاھىشنى تۈزىتىپ، بايلىق سەرپىياتى، مۇھىتقا يەتكۈزگەن زىيان، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى، تېخنىكا يېڭىلاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ۋەزنىنى زورايتىپ، ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاھالە كىرىمى، ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي ھېسابات تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپ-پاسسىپ جەدۋىلىنى تۈزۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك، ئىناۋەت ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن سۇپىسىنى قۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (15) ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا يۈرگۈزۈش. ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مىكرو ئىشلارنى باشقۇرۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بازار مېخانىزمى ئۈ-نۈملۈك تەڭشەپ كېتەلەيدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى تەستىقلاشنى بىردەك بىكار قىلىپ، ساقلاپ قېلىنغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، مىقدارى زور، كۆلىمى كەڭ، يەرلىك باشقۇرسا تېخىمۇ قولاي، ئۈنۈملۈك بولىدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى بىردەك تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش لازىم.

  ھۆكۈمەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلانى، سىياسىتى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى، بازار پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى، تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسئۇ-لىيىتىنى كۈچەيتىش لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش، لاۋازىمەت ئىشلىرىغا ياتىدىغانلىكى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن رىقابەت مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ، توختام، ھاۋالە قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتتىن سېتىۋېلىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر