باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (22)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (50) جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان بىرلىككە كەلگەن نوپۇزلۇق ئاپپاراتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەرياننى قاپلىغان ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىكنى ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاينى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە سۈپەت بەلگىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەش سىستېمىسى ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھا-دىسىلىرىنى توسۇش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپـلـمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئستېرېئولۇق تىزگىنلەش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

  پائال پايدىلىنىش، ئىلمىي راۋاجلاندۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇ-رۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈ-رۈپ، دۆلەتنىڭ تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنى قۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈ-رۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  14. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە دائىر تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەنبەسىدىن قوغداشنىڭ ئەڭ چىڭ تۈزۈمى، زىياننى تۆلەش تۈزۈمى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىتنى ئوڭشاش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزۈم بىلەن قوغداش كېرەك.

  (51) تەبىئىي بايلىقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئېقىن ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تىزىملاپ، تەبىئىي بايلىقنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولغان مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بوشلۇقنى پىلانلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقى بويىچە ئېچىش-باشقۇرۇش چېگراسىنى ئايرىپ، ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە، سۇ، تۇپراقنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈش كېرەك. تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بارلىق تېررىتورىيەلىك بوشلۇقىنى ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈش كېرەك.

  (52) ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەش. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، تېررىتورىيەلىك بوشلۇقنى ئېچىش-قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەرەققىياتنى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايوننىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا دائىر كۆزىتىش-سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سۇ-تۇپراق بايلىقى، مۇھىت سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە دېڭىز–ئوكيان بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىش لازىم. ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايونلار ۋە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز، يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۇقتىلىق ناھىيەلەردە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

  تەبىئىي بايلىقنىڭ ئاكتىپ-پاسسىپ جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىدىن تەبىئىي بايلىق مۈلكى بويىچە ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىشلىك قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  (53) بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىما تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. تەبىئىي بايلىق ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتى باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتىنى، بايلىقنىڭ قىسلىق دەرىجىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تەننەرخى ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئىشلەتكەن بايلىققا ھەق تۆلەش ۋە مۇھىتـنى كـىـم بۇلغىسا، ئېكولوگىيەنى كىم بۇزسا، شۇ تۆلەم تۆلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق بېجىنى ھەر خىل تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىگىلىگەن ساھەگىچە قەدەممۇقەدەم كېڭەيتىش كېرەك. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش دائىرىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ۋە يەر ئاستى سۈيى ھەدىدىن ئارتۇق قېزىلغان رايونلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىشلىتىش ئورنىنى تەڭشەش، تېرىلغۇ يەر، دەريا-كۆللەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىپ، ئۇنى تەرتىپلىك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن تۇرالغۇغا ئىشلىتىلىدﯨ-ﻐﺎن يەرنىڭ مۇۋاپىق سېلىشتۇرما باھاسىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىم پايدا ئالسا، شۇ تولۇقلىما بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار ئارا توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىت ئاسراش بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنىرگىيە تېجەش نورمىسى، كاربون چىقىرىش ھوقۇقى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى، سۇ ھوقۇقى سودىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا سېلىشقا جەلپ قىلىدىغان بازار مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بۇلغانغان مۇھىتنى ئۈچىنچى تەرەپ تۈزەشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  (54) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش. مۇھىت قوغداش-باشقۇرۇشنىڭ بارلىق بۇلغىما چىقىرىشنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغان-باشقۇرىدىغان تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈش لازىم. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ۋە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش-بۇلغىنىشنى تۈزەش رايونىنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز-ئوكيان بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئورمانچىلىق رايونىنىڭ تىجارەت-باشقۇرۇش تۈ-زۈلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىتقا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش لازىم. بۇلغىما چىقىرىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەن جاۋابكارلارغا تۆلەم تۆلىتىش تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر