باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (4)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (4) ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تەجرىبىگە ئىگە قىلدى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. بۇ ئىشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولدىمۇ، بايراق ئالماشتۇرىدىغان ئەگرى يولدىمۇ ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە باشتىن-ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ، چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى خەلققە يېقىندىن تايىنىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھات-تەرەققىيات-مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل بولۇپ، قەدەمنى پۇختا تاشلاپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى قانۇنىيەت ئىگىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈشنى بىر-بىرىگە تۈرتكە قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش.ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىسلاھات قىيىن جەڭ مەزگىلى ۋە قىيىن-چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. شۇڭا، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ئا-مىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، جۈرئەت قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن ئىدىيە-قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قىلىش كىشىنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مۇكەممەللىشىپ ۋە راۋاجلىنىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت.

  2020-يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇشۇ قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان، ئىلمىيلاشقان، قېلىپلاشقان، يۈرۈشىشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  2. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق راۋاجلىنىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ‐‐ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇلى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىمۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكلەرمۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەممىسى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش شەرت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ ۋە يول كۆرسىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت.

  (5) مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مۈلۈك ھوقۇ-قى ‐‐ مۈلۈكچىلىكنىڭ يادروسى. تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق-جاۋابكارلىقى ئايدىڭ، قوغدىلىشى قاتتىق، ئوبوروتى راۋان بولغان زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ چېقىلىشقا بولمايدۇ.

  دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشىگە، بازار رىقابىتىگە ئاشكارا، ئادىل ۋە ھەققانىي يوسۇندا قاتنىشىشىغا، قانۇن بىلەن ئوخشاش قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  (6) ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش. دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتالى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال قاتارلىقلار گىرەلىشىپ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلى بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ فۇنكسىيەسىنى زورايتىش، قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكلىرىنىڭ ئار-تۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىگىلىكى بىلەن باشقا مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىگە ئايلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەردە دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كاپىتاللارنىڭ پاي قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىش لازىم. ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلكىدە پاي تۇتۇشىغا يول قويۇپ، كاپىتال ئىگىدارى بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىگە ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركىتىدىن بىرقانچىنى قۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان دۆلەت كارخانىلىرىنى دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىش تىجارىتىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپلەرگە، ھالقىلىق ساھەلەرگە كۆپلەپ سېلىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق قىلىش، كۆزلىمىلىك، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش لازىم. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى كىرىمىنىڭ جامائەت مالىيەسىگە تاپشۇرۇلۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ٪30 كە يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر