باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (8)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6. شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسى ‐‐ شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇ. تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر يېزىنى يېتەكلەيدىغان، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش شەرت.

  (20) يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش. ئائىلە تىجارىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە تىجارىتى، كوللېكتىپ تىجارەت، ھەمكارلىق تىجارىتى، كارخانا تىجارىتى قاتارلىقلار ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش لازىم. يېزىلارنىڭ يەر ھۆددە مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنىڭ ئەڭ چىڭ تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرتى ئاستىدا، دېھقانلارنى ھۆددە ئالغان يەرنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش، ئوبوروت قىلىش ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش ھوقۇق-فۇنكسىيەسىگە ئىگە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش يولى بىلەن باشقۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئاشكارا بازاردا چوڭ كەسپىي ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىغا ئوبوروت قىلىشقا رىغبەتلەندۈ-رۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملىك تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

  يېزىلارنى ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، زامانىۋىلاشقان تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار-يۆلەك بولۇپ، مالىيە تۈر مەبلىغىنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بىۋاسىتە سېلىشقا، مالىيە ياردىمى ئارقىلىق شەكىللەنگەن مۈلۈكنى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىلىكىدە تۇتۇشى ۋە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش لازىم. سودا-سانائەت كاپىتالىنى يېزىلاردا كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا لايىق كېلىدىغان زامانىۋى تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئېلىپ كىرىش لازىم.

  (21) دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش. دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەزاسىلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پاي ھەمكارلىقىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارغا كوللېكتىپ مۈلۈك پېيىغا ئىگىدارلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش، ھەقلىق چېكىنىش ۋە رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىش لازىم. دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرقانچە سىناق نۇقتىسىنى تاللاپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپەيتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروتى سودا بازىرىنى قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودىسىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلىق يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  (22) شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئاساستا ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە جامائەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا بولغان ھوقۇقىنى قوغداپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوخشاش ئەمگەكتە ئوخشاش ھەق ئېلىشىغا، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزىلاردا ئامانەت قويۇلغان پۇللارنى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا قۇرۇلۇشىغا سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزىلاردا تۈرلۈك كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشقا يول قويۇش كېرەك. شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلاردا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  (23) شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ-ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، كەسىپ بىلەن شەھەر-بازارلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شەھەرلەرنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئوچۇق، قېلىپلاشقان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زايوم تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىشىگە، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشى ۋە تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تۇرالغۇسىغا قارىتىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك. شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، تەسىس قىلىنغان مەمۇرىي رايوننى تەڭشەش شارائىتىنى ھازىرلىغان ناھىيەلەرنى تەرتىپلىك ئاساستا شەھەرگە ئۆزگەرتىش لازىم. نوپۇسنى كۆپ سىغدۇرغان، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بازارلارغا نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىي كۆلىمىگە لايىق كېلىدىغان باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش لازىم. شەھەرلەر تەرەققىياتىنىڭ رايون ھالقىغان-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىدىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى پەيدىنپەي شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. نوپۇس باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىشتاتلىق بازار ۋە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش، ئوتتۇرا شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئالاھىدە چوڭ شەھەر-لەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش لازىم. شەھەر-بازارلاردا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنى شەھەر-بازارلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا تولۇق كىرگۈزۈپ، يېزىلاردا قاتناشقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شەھەر-بازارلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا قېلىپلاشقان ئاساستا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. مالىيەنىڭ يۆتكىمە چىقىمىنى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشى بىلەن باغلاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شەھەرنى قۇرۇلۇش يېرى بىلەن مۇۋاپىق تەمىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر