باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (7)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي ئورۇنلار بىلەن ئۇلارغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مەمۇرىيلىشىشتىن خالىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شارائىت يارىتىپ، مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنى كارخانا ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھەر خىل كەسپىي ئورۇنلارنى بىرتۇتاش رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  (16) ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر-لاشتۇرۇش شەرت. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى، فۇنكسىيەسىنىڭ سەپلىنىشىنى، خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ھەم بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان، ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدىغان مەمۇرىي ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇ-رۇش لازىم. چوڭ تارماق تۈزۈمىنى سالماقلىق بىلەن پائال يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار ئۆلكە ناھىيە (شەھەر)نى بىۋاسىتە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى لازىم. ئاپپارات ئىشتاتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى بەلگىلەنگەن ئەمەل سانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا سەپلەپ، ئاپپارات سانى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئىشتات سانىنى ئازايتىپ، مالىيە باقىدىغان خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە قانۇن-تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  5. مالىيە-ماج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

  مالىيە ـــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلى ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى، ئىلمىي بولغان مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ‐‐ بايلىق تەقسىماتىنى ياخشىلاش، بازارنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى. قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج سېلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خامچوتنى ئاشكارا تۈزۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەركەزنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت.(17) خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشىلاش. ئەتراپلىق بولغان، قېلىپلاشقان، ئاشكارا-ئوچۇق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. خامچوتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭپۇڭ ھالەت ۋە قىزىل رەقەم كۆلىمىدىن چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكە كېڭەيتىش لازىم. نۇقتىلىق چىقىملارنى مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن باغلايدىغان ئىشلارنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا، ئادەتتە باغلاش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق لازىم. يىل ھالقىغان خامچوت تەڭپۇڭلاشتۇ-رۇش مېخانىزمىنى، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت پەيدا بولۇش تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلات تۈزۈمىنى، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق بولغان قەرز باشقۇرۇش ۋە خېيىم-خەتەردىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى كۆپەيتىش مېخانىزمىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارغا قارىتىلغان يۆتكىمە چىقىمنى نۇقتىلىق كۆپەيتىش لازىم. مەركەز يولغا قويغان چىقىمنى كۆپەيتىش سىياسىتىدىن پەيدا بولغان يەرلىك مالىيەسىدىكى يوچۇقنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ، بىرلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەردە مەخسۇس تۈر ۋە يەرلىكنىڭ يانداش مەبلىغىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېتەكلەش تۈرىدىكى، قۇتقۇزۇش تۈرىدىكى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تۈرىدىكى مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ساقلاپ قىلىنغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى ئايرىپ، يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە تەۋەلىرىنى ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمغا كىرگۈزۈش لازىم.

  (18) باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىۋاسىتە باج نىسبىتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈش لازىم. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئىخچاملاش كېرەك. ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسى، ھالقىسى ۋە باج نىسبىتىنى تەڭشەپ، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر مەھسۇلاتلارنى ۋە قىسمەن ئالىي سورتلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم. ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىش كېرەك. ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنىنى چىقىرىشنى تېزلىتىش ھەمدە ئىسلاھاتنى ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، مۇھىت ئاسراش ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باج سېلىقىنى ئادىل قىلىش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باجدا ئېتىبار بېرىش، بولۇپمۇ رايونلارنىڭ باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. باج ئېتىبار سىياسىتىنى مەخسۇس باج قانۇن-نىزاملىرى بىلەن بىرتۇتاش بەلگىلەپ، باج ئېتىبار سىيا-سەتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت بېجى، يەرلىك باجنى ئېلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  (19) خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە لايىقلاشتۇرۇلغان تۈزۈمنى ئورنىتىش. مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، دۆلەت خەۋپسىز-لىكى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بازار قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى قىلىش؛ قىسمەن ئىجتىمائىي كاپالەت، رايون ھالقىغان چوڭ-چوڭ تۈرلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش قاتارلىقلارنى مەركەز ۋە جايلارنىڭ ئورتاق خىزمەت ھوقۇقى قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى مۇناسىۋىتىنى پەيدىنپەي راۋانلاشتۇرۇش؛ رايون خاراكتېرلىك جامائەت مۇلازىمىتىنى جايلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى قىلىش لازىم. مەركەز بىلەن جايلار خىزمەت ھوقۇقىنىڭ ئايرىلىشى بويىچە مۇناسىپ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. مەركەز يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىسمەن خىزمەت ھوقۇقىنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى جايلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. رايون ھالقىغان ھەم باشقا رايونلارغا بولغان تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان جامائەت مۇلازىمىتىگە قارىتا، مەركەز يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق جايلارنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

  مەركەز ۋە جايلارنىڭ ھازىرقى مالىيە كۈچى ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، باج تۈرىنىڭ خاراكتېرىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ كىرىمىنى ئايرىشنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر