باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (18)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشقۇرۇش-قۇرۇش-باھالاشنى ئايرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاش ھوقۇقى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى زورايتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەتنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىكىنى كۈچەيتىپ، تەلىم-تەربىيەنى باھالاش-تەكشۈرۈشنى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش، فوند مۇكاپاتى بېرىش، ئىئانە مەبلىغى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  (43) ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىشنىڭ ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم قوبۇل قىلىش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان شەھەر-يېزا، كەسىپ، سالاھىيەت، جىنىس قاتارلىق بارلىق تۈزۈم توسالغۇسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىدىغان، جەمئىيەت ئىگىلىك تىكلەشنى قوللايدىغان، ئەمگەكچى ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان يېڭى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرگە قارىتىلغان ئۆمۈرلۈك كەسىپ تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشسىز قېلىشنى نازارەت قىلىش-ئىستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم.

  ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى، شە-ھەر-بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار خادىملار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش لازىم. ھۆكۈمەت سېتىۋالىدىغان ئاساسىي قاتلام جامائەت باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش لازىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇلازىمەت-كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلۇققا نىشانلىق قوبۇل قىلىش ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئالدىن تەكلىپ قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش فوندىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پراكتىكىسى، ماھارەت يېتىشتۈرۈش تەربىيەسى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە كىرگۈزۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى پۈتۈن جەريانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر