باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (24)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16. پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەيدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەمىزنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھا-كىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپە-قىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  (58) پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر چوڭ-چوڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەنپەئەت ئەندىزىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمىر-پەرمانلارنىڭ توسالغۇسىز ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ، ئۇ ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇ-لىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىلمىي، دېموكراتىك ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى يۆنىلىش قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇ-رۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئىسلاھات ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، »مىخ «روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۆمۈرنى تۇتسا، تاشقا دەسسىسە ئىز قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  (59) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە موھتاج. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان، ئەسقاتىدىغان، قولاي بولغان مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تولۇق بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)، مەسئۇل رەھبەر ۋە تەشكىلات تارمىقىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەشتىكى ۋەزنى ۋە كادىرلارنى كۆزىتىپ پەرقلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى رىقابەتلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش-ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، سايلاملىق تەيىنلەش تۈزۈمى ۋە تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى كادىر ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى پەرقلىق يولغا قويۇپ، پەقەت ئاۋازغىلا، نومۇرغىلا قاراپ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئەھۋالنى قەتئىي تۈزىتىپ، ھەرقايسى ياش قۇرامدىكى كادىرلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، تىرىشچان-ئەمە-لىيەتچىل، دادىل بولغان، پاك-دىيانەتلىك ھەقىقىي ياخشى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر