باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (16)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ كىرىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا قارىتىلغان نەشرىياتچىلىق ۋە تور نەشرىياتچىلىقىغا قاتنىشىشىغا، دۆلەتنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلەش ئاپپاراتى، مەدەنىيەت-سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ تىجارەت قىلىشىغا پاي چېكىنى كونترول قىلىش شەكلى بىلەن ئىشتىراك قىلىشىغا يول قويۇش لازىم. تۈرلۈك شەكىلدىكى كىچىك-مىكرو مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش لازىم.

  نەشر ھوقۇقى، ئاڭلىتىش-كۆرسىتىش ھوقۇقى بويىچە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەش بىلەن نەشر قىلىشنى، ئىشلەش بىلەن ئاڭلىتىش-كۆرسىتىشنى ئايرىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە ئامىل بازىرى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى، ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىگە ئىلھام بېرىش لازىم. مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت ياردەم پۇلى ۋە مەدەنىيەت سېتىۋېلىشىنى ئاشۇرۇپ، نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم.

  (40) زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇش. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى ۋە باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئامما باھالاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات-مەدەنىيەت، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئەسلىھە-لىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش لازىم.

  ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، نەتىجە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلارنىڭ مۇدىرىيەت تەشكىللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كەسپىي زاتلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش لازىم.

  رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەر، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پايدا ئالمايدىغان مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  (41) مەدەنىيەتنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ھۆكۈمەتنى يېتەكچى، كارخانىنى سۇبيېكت قىلىشتا، بازار مەشغۇلاتىدا ۋە جەمئىيەت قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرت بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئاراغا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سىرتقا قارىتىلغان سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىچكى-تاشقى تەشۋىقات تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تاراتقۇلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. سىرتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا بازار ئېچىشىغا مەدەتكار بولۇش لازىم. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئىنسانىي ئالاقە تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  چەت ئەلنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا ۋە تىجارەت باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈش لازىم. دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر