باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (5)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (7) دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش. دۆلەت كارخانىلىرىغا ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىق قىلىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلەت كارخانىلىرى بازار ئىگىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى، شۇڭا، بازارلىشىش ۋە خەلقئارالىشىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە لا-يىقلىشىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تىجارەت تەدبىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش، رىقابەتكە ئادىل قاتنىشىش، كارخانىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى توغرا بېكىتىش لازىم. دۆلەت كاپىتالىنى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى كارخانىلارغا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى جامائەت مۇلازىمىتى جەھەتتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇزۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى داۋاملىق پاي كونترول قىلىپ تىجارەت قىلىدىغان تەبىئىي مونوپول ساھەلەردە، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، تور بىلەن تىجارەتنى ئايرىش، رىقابەتلىك كەسىپنى قويۇۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تۈرلۈك شەكىلدىكى مەمۇرىي مونوپوللۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىكار قىلىش كېرەك.

  شىركەت تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ ماس قەدەمدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان، تەڭپۇڭلۇقنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدىغان ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كەسپىي باشقۇرغۇچى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولىدىغان، خادىملارنى قوبۇل قىلىشقىمۇ، بوشىتىشقىمۇ بولىدىغان، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقىمۇ، ئازايتىشقىمۇ بولىدىغان تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش-مەبلەغ سېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كارخا-نىلىرىنىڭ مالىيە خامچوتى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ تاللاش، تەكلىپلىك تەيىنلەش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىسىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مائاش سەۋىيەسى، ۋەزىپە تەمىناتى، ۋەزىپە ئىستېمالى، كەسپىي ئىستېمالىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  (8) ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەتكار بولۇش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىك ئېشىشقا تىرەك بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، باجنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىككە قارىتىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توسۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ساھەسىگە كىرىشىگە ئائىت كونكرېت چارىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشقا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال پاي كونترول قىلىدىغان ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، شارائىتى يار بېرىدىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  3. زامانىۋى بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنىتېز مۇكەممەللەشتۈرۈش

  بىرلىككە كەلگەن، ئوچۇق، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش ‐‐ بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسى. كارخانىلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئىستېمالچىلار ئەركىن تاللايدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلىدىغان، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار ئەركىن ئوبوروت قىلىنىدىغان، باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، بازار توسۇقىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى ئاشۇرۇش شەرت.

  (9) ئادىل، ئوچۇق، ئاشكارا بازار قائىدىسىنى بەرپا قىلىش. بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پاسسىپلىق تىزىملىكى تۈزۈش ئاساسىدا، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىكتە بولمىغان ساھەلەرگە قانۇن بويىچە باراۋەر كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇن پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپلىق تىزىملىكى قوشۇلىدىغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. سودا-سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قولايلاشتۇرۇپ، ساپا ئېتىراپ قىلىش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېرىش، ئاندىن كىنىشكا بېرىشنى ئاۋۋال كىنىشكا بېرىش، ئاندىن ئىجازەتنامە بېرىشكە ئۆزگەرتىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى ئەمەلىي تاپشۇرغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى تاپشۇرۇش ئېتىراپ قىلىنغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش لازىم. ئىچكى سودا ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ ۋە بىكار قىلىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ يولغا قويىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلەپ ۋە بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلىغانلارنى قاتتىق جازالاپ، يەرلىك قورۇقچىلىققا، مونوپولغا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەمىمىيلىكنى تەرىپلەپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش لازىم. بازاردىن چېكىندۈرۈشنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، كارخانا ۋەيران بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (10) باھانى ئاساسلىقى بازار بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. باھانى بازار شەكىللەندۈرەلەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى بازارغا تاپشۇرۇش، ھۆكۈمەت ئورۇنسىز ئارىلىشىۋالماسلىق لازىم. سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر، قاتناش، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىقابەتلىك ھالقىلارنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى ئاساسلىقى مۇھىم جامائەت ئىشلىرى، جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى، تورسىمان تەبىئىي مونوپول ھالقىلار بىلەنلا چەكلىنىشى، مۇشۇ دائىرىدە باھا بېكىتكەندىمۇ ئاشكارىلىقنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

  (11) شەھەر-بازارلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى بەرپا قىلىش. يىرىك پىلانغا ۋە ئىشلىتىش ئورنى جەھەتتىن باشقۇرۇشقا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق بېرىشكە، ئىجارىگە بېرىشكە، پاي قىلىپ قوشۇشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت يېرى بىلەن باراۋەر ئاساستا بازارغا كىرىشىنى، ئوخشاش ھوقۇق بېرىش-ئوخشاش باھا قو-يۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەر ئېلىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ، يەر ئېلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنى مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك، كۆپ مەنبەلىك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، غەيرىي جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىشلارغا يەر كېسىپ بېرىشنى ئازايتىش كېرەك. دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخس تەڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شەخسنىڭ كىرىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش لازىم. يەرنى ئىجارىگە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇشنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (12) پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شارائىتى يار بېرىدىغان ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش لازىم. سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپ يوللار بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زايوم بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇغۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى قاتلام ۋە مەھسۇلاتنى كۆپەيتىش كېرەك.

  خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى بازار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بازاردىكى تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زايوم پايدا نىسبىتى ئەگرى سىزىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپىتال بازىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە سودىسىنىڭ ئايرىباشلىنىش دەرىجىسىنى تەرتىپلىك ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق ۋە ئېھتىياتچان باشقۇرۇش رامكىسىدىكى تاشقى قەرز ۋە كاپىتالنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئايرىباشلاشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر