باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (11)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلىكسەپنىڭ مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسىي مەسلىھە-تىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئاساسەن يىرىك پىلان تۈزۈپ، مەسلىھەت يىغىنى، سىردىشىش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ج ك پ مەر-كىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە تەكلىپ بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك يول بىلەن نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەر مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، بىر قىسىم مۇھىم تەدبىرلەر ئۈستىدە سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش مەزمۇنى، مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنىڭ شەكلىنى كېڭەيتىپ، تەرتىپلىك، تەشكىللىك ھالدا مەخسۇس تېمىلىق مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، سىستېما بويىچە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، ساھە بويىچە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، تەكلىپ بېجىرىش ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زىچلىقىنى كۈچەيتىپ، مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەشتە ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ئاپپاراتىنى ساغلاملاﺷ-ﺘۇرۇپ، ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (29) ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش. دېموكراتىيە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سايلاش، كېڭىشىش، ئاشكارىلاش، خىزمەتتىن دوكلات بېرىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاساسىي قاتلام مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازار ئاھالىسى، كەنت ئاھالىسى نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا، ئاساسىي قاتلام جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى يولغا قويۇشتا قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشى، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلىشى، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئاساسىي شەكىل قىلىنغان دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دېموكراتىك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىككە قاتنىشىشتىن ئىبارەت دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر