باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (12)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش

  قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش شەرت. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  (30) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداش. ئاساسىي قانۇن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى، ئەبەدىي ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نېگىزلىك تۈپ قانۇن بولۇپ، ئالىي نوپۇزغا ئىگە. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى ۋە ئۇنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولىدىغان، رىئايە قىلىدىغان، ئۇنى قوغدايدىغان، تەتبىقلايدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش شەرت.

  قانۇن مەسلىھەتچىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك. قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت، زور تەدبىرلەرنىڭ قانۇنىيلىقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي بولغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇ-رۇش تەربىيەسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە چوڭراق شەھەرلەرنى پەيدىنپەي كۆپەيتىش كېرەك.

  (31) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتىنى بىرىكتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى نىسپىي مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئۇنىۋېرسال ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش، قانۇننى ھەركىم ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قاتلىمىنى ئازايتىپ، يېمەكلىك-دورا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش، ئەمگەك كاپالىتى، دېڭىز تەۋەلىكى، ئارال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى كۈچەيتىش لازىم. شەھەر باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇ-رۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىراجىتىگە مالىيە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (32) سوت قىلىش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئادەم ۋە ماددىي ئەشياسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي رايوندىن مۇۋاپىق ئايرىلغان قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ بىرتۇتاش، توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى باشقۇرۇشنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سودىيە، پىروكۇرور ۋە خەلق ساقچىلىرىنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش، تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈ-زۈش خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىيە، پىروكۇرور، خەلق ساقچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن كاپا-لەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (33) قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈ-رۈش. قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمەت ھوقۇقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى سەر-خىللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان، ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىگە بولغان قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  سوت ھەيئىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇل سودىيە ۋە كېڭەشمە سوتنىڭ دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىش مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  سوت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، تەپتىش ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىنى تولۇق سىنغا ئېلىش ھەم سوتتا قاراپ چىقىلغان ماتېرىياللارنى ساقلاش كېرەك. قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قائىدىلىكلىكىنى كۈچەيتىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق زاسېداتىللىرى، خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرىغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  (34) ئىنسانىي ھوقۇققا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش، بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. خاتا دېلونىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزىتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، تەن جازاسى بېرىپ خورلاشنى مەنئى قىلىش، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش قائىدىسىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك. ئۆلۈم جازاسىنى تەتبىقلايدىغان جىنايەت نامىنى پەيدىنپەي ئازايتىش كېرەك.

  ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى جازالاش ۋە تۈزەشكە دائىر قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللىدە تۈزەش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.

  دۆلەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش يولى بىلەن پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر