باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (19)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (44) مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش. ئەمگەك تاپاۋىتىنى نۇقتىلىق قوغداپ، ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىش ھەققىنى بېكىتىش ۋە نورمال ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە ئىش ھەققى بېرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى ۋە ياردەم پۇل-تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، جاپالىق، چەت-يىراق رايونلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپىتال، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى ئامىل بازىرى بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مەبلەغ سېلىش ۋە ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق يوللارنى كېڭەيتىپ، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېلىنمىسى مېخا-نىزمىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا-كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاھالىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك.

  باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكىمە چىقىم ئاساسىي ۋاسىتە قىلىنغان قايتا تەقسىملەش-تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈ-رۈپ، باجنىڭ تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. جامائەت بايلىقىنى سېتىش كىرىمىدىن مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەير-ساخاۋەت ئىئانە ياردەم پۇلىدىن باجنى كەچۈرۈم قىلىش-كېمەيتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەتكار بولۇش لازىم.

  كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسىي كىرىم ۋە مال-مۈلۈك ئۇچۇرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قوغداپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەپ، يوشۇرۇن كىرىمنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز كىرىمنى بىكار قىلىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىپ، شەھەر-يېزا، رايون، كەسىپلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى جەھەتتىكى پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلىتىپ، زەيتۇن توپ شەكىللىك كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  (45) تېخىمۇ ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش. جەمئىيەت بىرتۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ئىسچوت بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي ئىسچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىش-تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈش لازىم. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. شەھەر-يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر خىل كىشىلەرگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش-مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش-داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق پەيتىدە لايىقىدا تۆۋەنلىتىش كېرەك. پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش لازىم. ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە بېجىرىش-مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز ساغلاملاشتۇ-رۇش كېرەك. دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشكارا، قېلىپلاشقان تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش، ئىشلىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك.

  ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ مالىيە سېلىنمىسى تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، فوندنى بازارلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باج كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كارخانا يىللىق پۇلى، كەسىپ يىللىق پۇلى، سودا سۇغۇرتىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر