باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (13)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10. ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى كۈچەيتىش

  ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھوقۇقنى خەلقنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇش، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش ــــ ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى. تەدبىر بەلگىلەشتە ئىلمىي، ئىجرا قىلىشتا قەتئىي، نازارەت قىلىشتا كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، پاك سىياسىي بەرپا قىلىپ، كادىرلار پاك-دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىي قانۇنلۇق بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (35) ھوقۇقنى چەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق چەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت تار-ماقلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە فۇنكسىيە-سىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاش، مەمۇرىي تەپتىشلىك ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك-نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت تار-ماقلىرىنىڭ يۈرگۈزىدىغان ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك. پارتىيە-مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمى ۋە ھەرقايسى ساھە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشتە ئاشكارا بولۇش، باشقۇرۇشتا ئاشكارا بولۇش، مۇلازىمەتتە ئاشكارا بولۇش ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (36) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش. پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش گۇ-رۇپپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتكوم سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەمەلدە ئاقىدىغان تۈزۈمنى تۈزۈپ يولغا قويۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتكوملارغا ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش-ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوملار بولۇپمۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەخسۇس ئورگىنىغا خاس رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر