باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (17)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12. ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەيېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنى كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش كېرەك.

  (42) مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش-ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىجادكارلىق روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. گۈزەللىك تەربىيەسى ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستېتېك ۋە ئىنسانىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېڭەيتىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، رايونلار، شەھەر-يېزا، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرقنى قەدەممۇقەدەم كىچىكلىتىش لازىم. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنىڭ باراۋەر تەقسىم قىلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ مۇدىرى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق مەكتەپ ۋە نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلماي، مەكتەپ تاللاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ بىلەن مائارىپنىڭ بىرىكىشىنى ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچى ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملىق تەربىيەنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئىمتىھان نىسپىي ئايرىلغان، ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بەرگەندە كۆپ قېتىم تاللىيالايدىغان، مەكتەپ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان، كەسپىي ئاپپارات تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان، ھۆكۈمەت ماكرولۇق باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىپ نازارەت قىلىدىغان مەشغۇلات مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ قالىدىغان نۇقساننى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش، ئوقۇش رايونى تۈزۈمى ۋە توققۇز يىلدا ئىزچىل سىستېما بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا باھالاشنى كېڭەيتىش لازىم. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەردە تۈرلەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ياكى تىزىملىنىپ ئوقۇشقا كىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال باھالاپ كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى قەدەممۇقەدەم يولغا قويۇش لازىم. مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانىنىڭ پەن تۈرىنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىماسلىق، چەت ئەل تىلى قاتارلىق پەن تۈرلىرىدە ئىجتىمائىيلاشقان ئىمتىھاننى يىلدا نەچچە قېتىم ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپ، چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى ئارا ئوقۇش نومۇرىنى ئالماشتۇرۇشنى سىناق قىلىپ، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر