باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (14)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كو-مىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈ-رۈپ بېجىرىشتە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كو-مىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىش ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەشكىلات تارمىقىنى ئاساس قىلىش لازىم.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىنتىزام تەكشۈرىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن نامنى قوللىنىپ، ئۇلارنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشى لازىم. ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتكەن ئورگان ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، جايلار، تارماقلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاكلىققا يېتىدىغان خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رەھبىرىي كادىرلار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە چەتلىتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئائىت قانۇن-نىزامنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. دېموكراتىك نازارەتچىلىك، قانۇن نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى مۇ-كەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى نازارەتچىلىكىنى قوللىنىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

  (37) ئىستىل ياخشىلاشنىڭ دائىملاشقان تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىل ياخشىلايدىغان، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يىغىن-ھۆججەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز باشلامچىلىق بىلەن يىغىن، ھۆججەتلەرنى ئازايتىپ، يىغىن ئىستىلى-ھۆججەت ئىستىلىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. مالىيە خامچوتىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك قىلىشنىڭ قاتتىق تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، »ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىت« چىقىمى ۋە ھەشەمەتلىك ئىمارەت قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تىزگىنلەش لازىم. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ناتوغرا ئىستىللارنى كۈچەپ تۈزىتىش كېرەك. نەتىجە باھالاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، »ئوبراز قۇرۇلۇشى«، »نەتىجە قۇرۇلۇشى« شۇنىڭدەك قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىر نەچچە يەردە ئۆي ۋە ئىشخانا ئىگىلىۋېلىشقا، ئىشخانا ۋە تۇرمۇش ئۆيىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەشكە، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سەپلەشكە، كاتىپنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سەپلەشكە، مۇھاپىزەتچىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىشنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بەھرىمەن بولۇۋېلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ساراي تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشى، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتىشى، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جامائەت ھوقۇقى ياكى ئۆز تەسىرىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىستىلىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر