باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (25)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كادىرلارنى ئورگاندىلا ئۆستۈرىدىغان ئەھۋالنى تۈگىتىپ، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنى سىستېما، ساھە ھالقىپ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. »مەنسەپچىلىك« قارىشىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كادىرلارنى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولىدىغان، قوبۇل قىلىشقىمۇ، بوشىتىشقىمۇ بولىدىغان قىلىش لازىم. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈ-رۈش كېرەك. مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ۋەزىپە دەرىجىسى بىلەن تەمىناتىنى باغلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلار، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلار ۋە تەكلىپلىك تەيىنلەنگەن خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم. ئاساسىي قاتلامغا مەمۇر قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاپالىق چەت-ياقا رايونلارغا قوبۇل قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئىختىساسلىقلارنى توپلاش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قابىل ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. تۈزۈلمە تو-سۇقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سالاھىيەت توسالغۇسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىشىپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىش، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئىختىساسلىقلار راۋان يۆتكىلەلەيدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشكە، جاپالىق رايون ۋە ئىش ئورنىغا يۆتكىلىشكە، بىرىنچى سەپتە ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ۋەتەنگە قايتىپ ياكى جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش لازىم.

  (60) خەلق ئىسلاھاتنىڭ سۇبيېكتى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشتىراك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنى دادىل ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، چوڭ-چوڭ ئىسلاھات سىنىقى خىز-مىتىنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئىسلاھاتتىكى خاتالىققا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلاردا تارىخىي يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر