باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (3)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ۋە سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇشنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور راۋاجلىنىشى ۋە زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ساھەگە دائىر تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تۈزۈلمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە دائىر تۈزۈملەرنى تېز بەرپا قىلىپ، تېررىتورىيەلىك بوشلۇقنى ئېچىش، بايلىقنى تېجەپ ئىشلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ماسلىشىپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك ۋە قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى يېقىندىن دەۋر قىلغان ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زاما-نىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

  (3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مەۋقەنى دۆلىتىمىز سوتسىيا-لىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدىغان مۇشۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەت ئۈستىگە قويۇپ، تەرەققىيات يەنىلا دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە، ئۈستقۇرۇلمىنى ئىقتىسادىي بازىسقا ماسلاشتۇرۇشنى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى راۋاجلاشدۇرۇشنى ئىزچىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.
  ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بۇنىڭدىكى يادرولۇق مەسىلە ‐‐ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش. بازار ئىگىلىكىنىڭ قانۇنىيىتى ‐‐ بايلىق تەقسىملەشنى بازار بەلگىلەش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىپ، بازار سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت مىكرو ئىگىلىككە كۆپرەك ئارىلىشىۋالىدىغان ۋە جايىدا نازارەت قىلالمايدىغان-باشقۇرۇلمايدىغان مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى جەھەتتىن پائال، سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملەش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بايلىق تەقسىملەشتە بازار قائىدىسى، بازار باھاسى ۋە بازار رىقابىتىنى ئاساس قىلىپ، پايدىنىڭ ئەڭ زور ۋە ئۈنۈمنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش شەرت. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولى ئاساسلىقى ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى ساقلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر