باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىسـتىك پارتىـيەسـى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (10)

2013.11.22 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

  سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساس قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەر-لىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك ئىشتىراك قىلىشىنى كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.

  (27) خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمگە خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش لايىھەسى تەييارلاش، ئىسپاتلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قاراپ چىقىش مېخا-نىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە تارماقلار مەنپەئىتىنىڭ قانۇن-تۈ-زۈملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. »ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە« خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغان تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش، قاراردىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. باجنى قانۇن بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى، تور سۇپىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋەكىللەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش، ئىسپات ئاڭلاش، باھالاش، قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سوراش، سوراق قىلىش، ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

  (28) مەسلىھەتلىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدا تۈزۈملىشىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش. مەسلىھەتلىك دېموكراتىيە ـــ دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم نامايەندىسى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي-ئىجتىما-ئىي تەرەققىياتتىكى زور مەسىلە ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  تەرتىپى مۇۋاپىق، ھالقىلىرى مۇكەممەل بولغان مەسلىھەتلىك دېموكراتىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. قانۇن چىقىرىشتا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، دېموكراتىك مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئەقىل ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەشتە مەسلىھەت سوراش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر