باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزۈمدىن چىقىش (پوۋىست)(1)

ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

2015.03.31 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

« مەن بۇ يەرنى زىل - زىلىگە سېلىۋېتىمەن دەپ كەلسەم، بۇ يەر مېنى زىل – زىلىگە سېلىۋەتتى!.... »
قاچاندۇر بىر چاغلاردا، كىمدۇر بىرىدىن ئاڭلىغان گەپنى مانا ئەمدى تۇيۇقسىزلا قايتا ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتىم.
شۇئان چۆچۈپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. ئەتراپىمغا يېنىشلاپ قارىدىم دەپ ئويلىدىم.
ئاۋاز يىراقتىن كەلگەندەك قىلاتتى، ئىچىمدىن چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى، نەپسىمگە قوشۇلۇپ تاراۋاتقاندەكمۇ، غايىبتىن يامراۋاتقاندەكمۇ سېزىلەتتى. ئۇنىڭ مەنبىئى مەجھۇل بولسىمۇ، قۇلاقلىرىم ئەتراپىغا كېلىپلا كۈچلىنىپ قالغاندەك تۇيىلاتتى. پۈتۈن بەدەنلىرىم قۇلاققا ئايلانغانىدى. ھەيرانلىقتىن قېنىم قاتقاندەك، يۈرىكىم توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. ۋە يەنە جېنىم كۆچكەندەك، تىنىقىم ئۆچكەندەك، روھىممۇ قاچقاندەك......
« تالاي كىشىلەر مۇشۇنداق دېگەن بولسا كېرەك. »
ئېڭىمنىڭ غۇۋا بىر يېرىدە، قەلبىمنىڭ ئەندىككەن قاتلىرىدا ھاسىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىمنى ئويلايتتىم.
قاراخانىلار ۋە سەئىدىيە قاتارلىق بۈيۈك خانلىقلارنىڭ سەركەردە _ سانغۇنلىرى مۇشۇنداق دېگەن بولىشلىرى مۈمكىنىدى. ئاتىلىق غازى بەدۆلەتنىمۇ جان تالىشىۋاتقان ئاخىرقى نەپەسلىرىدە مۇشۇنداق دېمىگەن دەپ ھېچكىم ئېيتالمايتتى. ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغ تارىخ ئالىمى موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا سايرامىنىمۇ بۇ يەردىن قايتارىدا مۇشۇنداق دېمىدى دېگىلى بولمايتتى. خوجىنىياز ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، سوپاخۇن سوۋۇرۇپ ۋە ھەتتا ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى.... قاتارلىقلارمۇ شۇنداق دەپ ئۆتكەن بولىشلىرى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. كىم بىلىدۇ، بۇ يۇرتتا ياشاۋاتقانلاردىن كىملەرنىڭ ھاياتىنىڭ قايسىبىر باسقۇچىدا شۇنداق دېگەنلىكىنى. يەنە كىم بىلىدۇ، ھاياتىنىڭ قايسىبىر باسقۇچىدا يەنە كىملەرنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى. ئۇزاق كۈنلەر بۇ. ئۇزۇن جاھان بۇ. يەنە كېلىپ ئاجايىپ شەھەر بۇ. ھە – ئە، بۇ ئاجايىپ گۈزەل شەھەر. بۇ باغرى كەڭ، ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوست شەھەر. بۇ يەنە مېھرى ئوتلۇق، زىل – زىلىسى تولا شەھەر. قىزىققان، ساددا ھەم شورپىشانە شەھەر.... بۇلارنى ھىس قىلغاندەك قىلاتتىم – يۇ، يەنە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغاندەك ئىدىم. كۆككە باقسام، بۇ زېمىنغا تېخى تۈنۆگۈنلا كەلگەندەك؛ ئايىغىم ئاستىغا قارىسام، ئەلمىساقتىن مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقاندەكمەن. دۇئالىرىم ئۈچۈن كۆز ئالدىمدا تۇرغان نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى بۈيۈك روھلار ئوردىسىغا تىز چۆكۈمەن. يەنە دۇئالىرىمدا نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقلارغىچە سوزۇلۇپ ياتقان قەبرە ئېگىلىرىنى _ ئەجدادلىرىمنى ياد ئېتىمەن. ھەممىلا يەردە مەن باردەك، يەنە ھەممىلا جايغا يېڭىدەكمەن. ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى ئۇپۇقلىرىغا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك، يەنە بىر ئويلىسام، تاڭ ئۇپۇقىدىن جىلۋە بىلەن باش كۆتۈرۈۋاتقاندەك....
ئېھ، شېرىن ئارزۇلىرىم! سەن نەلەرگە كەتتىڭ، مەن نەلەردە قالدىم – ھە؟! نېمە ئۇ جىلۋە دېگەن. نېمە ئۇ چاقناش، باش كۆتۈرۈش دېگەن؟ خەير – خوش، مېنىڭ جىىلۋىدار ھاياتىم. خوش، مېنىڭ چاقناش ئىستەكلىرىم! ....
شۇنداق دېيىشىم كېرەكتەك قىلاتتى.
مەن پەقەت ئۈمىدسىزلىككە تولغان دىلىمدىلا شۇنداق دېيەلەيتتىم.
بۆگۈنۈم _ يارالمىشىم، ئىجاد _ بارلىقىم، قۇتۇلۇش _ مەنزىل - بارمىقىمدۇر....
كۆزۈمنى ئاچساملا شۇنداق دېمەكچى بولاتتىم.
مەن پەقەت قىرتاق تەملەرگە چىلىنىپ تۇرغان ئىچكىي تىلىمدىلا شۇنداق دېيەلەيتتىم.
ۋارقىراپ تۇرۇپ دەرد ئېيتالىسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى.
سۈرەن سېلىپ ھەسرەت تۆكەلىسەم نەقەدەر كاتتا ئىش بولاتتى.
ئېغىزىمنى سانسىز قېتىملاپ ئۆمەللىگەنلىكىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم. گېلىمنى تالاي قېتىملاپ قىرىپ باققانلىقىمنى ئەسكە ئالاتتىم. ئاۋاز ئاچىدۇ، دەپ يېگەن ناننىڭ كۈيۈكى، ئاشنىڭ قىسمىقى ئېغىزىمدىلا تۇراتتى. ئۈنۈم ئېچىلغان بولسا، سۆزلىيەلىگەن بولسام.... دەپ شېرىن ئارمانلارنى قىلاتتىم. توق ۋە ياڭراق ئاۋازدا چوقان سېلىپ يۈرگەن چاغلىرىمنى ئەسكە ئالاتتىم. ئەمما شۇ تاپتا ۋارقىراشقا ئەمەس، گەپ قىلىشقىمۇ ئاۋازىم يەتمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايانىدى. ئەمىسە ھېلىقى ئاۋاز؟... مېنى ھەيران قالدۇرىۋاتقىنىمۇ، قەلبىمنى زىل – زىلىگە سېلىۋاتقىنىمۇ مۇشۇ ئىدى. بۇ، سەزگۈ بىلەنلا ھىس قىلغىلى بولىدىغان ئىچكىي ئاۋازغىمۇ ئوخشىمايۋاتاتتى. زىنھار ئوخشىمايتتى!
بۇ زادى نەدىن چىققان ئاۋازدۇر. كىمنىڭ ئاۋازىدۇر. مېنىڭمىدۇر، سېنىڭمىدۇر - يا؟!....
ساڭا قارىدىم.
ماڭا قارىدىڭ.
پۇتلىرى سۇنۇپ نەگىدۇر يوقالغان، گىرۋەكلىرىنىڭ سىرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن كونا سىنئەينەكتىن بىر – بىرىمىزگە ئۈنسىز قارىشىپ تۇراتتۇق. ئەھۋالىمىز بىر – بىرىمىزگە ئۆزىمىزدەكلا ئايانىدى:
يېنىشلاپ قارايتتىم.
يېنىشلاپ قارايتتىڭ.
ئاۋازىم ئېچىلسا دېگەن ئۈمىددە گېلىمنى كۈچ بىلەن سىيلايتتىم.
ئۈنۈم چىقسا دېگەن ئىستەكتە گېلىڭنى كۈچ بىلەن سىيلايتتىڭ.
زۇۋان سۈرەلمىگەن ئېغىزىمغا ئۇراتتىم.
زۇۋان سۈرەلمىگەن ئېغىزىڭغا ئۇراتتىڭ.
ساقال باسقان ئېڭىكىمنى غەزەب بىلەن سىقىمدايتتىم.
ساقال باسقان ئېڭىكىڭنى غەزەب بىلەن سىقىمدايتتىڭ.
..........................
سەن مېنى تېنىمسىز دوراۋاتاتتىڭ.
بەلكىم مەن سېنى دوراۋاتقاندىمەن.
كىم بىلىدۇ، مېنىڭ ئوي _ خىياللىرىم، بارچە ئۇرۇنۇشلىرىم، كۆرگىنىم ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىم بەلكىم چۈشۈمدۇر. بىروۋلار تىلىدا، تىرىكلەر ئۆلۈكلەرنىڭ سايىسى بولغىنىدەك، ھايات ئۆلۈمنىڭ چۈشى ئاتالغىنىدەك، پانىي باقىينىڭ قەبرىسى سانالغىنىدەك.
بەلكىم شۇنداقتۇر، ۋە بەلكىم.....
ئەللىك ياشقا بارماي تۇرۇپلا قېرىپ كېتىپسەن. راست، بەكلا قېرىپ كېتىپسەن. شالاڭ چاچلىرىڭ قاردەك ئاقىرىپتۇ. قارىغىنە، قاشلىرىڭمۇ ئاق تۇرىدۇ. ھە – ئە، چاچلىرىڭمۇ ئاق، كىرپىك ۋە قاشلىرىڭمۇ ئاق. ئەتراپلىرى قارىداپ، جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن، قارىچۇقلىرى قەلبنىڭ يىراق چوڭقۇرلۇقلىرىغا كۆچكەندەك غۇۋا ۋە خۇنۈك كۆرۈنىدىغان مۇشۇ كۆزلەر سېنىڭمۇ. بىر چاغلاردىكى چوڭ، ئويناق ۋە نۇرلۇق كۆزلەر مۇشۇمۇ. كۆرگەنلا ئادەمنى ھەۋەسلەندۈرىدىغان غالىب، ئوتلۇق ۋە مېھىرلىك كۆزلەر مۇشۇمۇ؟! قورۇقلار باسقان پىشانەڭمۇ چۈنەك تارتقان ئېتىزلىققا ئوخشاپ قاپتۇ. بۆرتۈپ چىققان مەڭىز سۆڭەكلىرىڭ، چاپلىشىپ _ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جاۋغايلىرىڭ سېنى گاھ ئىسكىلىتقا، گاھ ئىسكىلىت شەكلىگە كىرىپ قالغان تاقىر تاغ تاشلىرىغا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ. ئېغىر نەپەسلەردىن بۇرنۇڭ كۆپۈشۈپ، تۆشۈكلىرى يوغىناپ – كەرىلىپ كېتىپتۇ. شۇ ھالدا يەنە ئاچچىق موخۇركاڭنى مەھكەم چىشلىۋاپسەن. پۈتۈن دۇنيانى دەم تارتماقچى بولغاندەك كۈچ بىلەن شوراۋېتىپسەن. پۈتكۈل دەردىڭنى بىر شۇنىڭدىن ئالماقچى بولغاندەك، بارچە ھەسرەتلىرىڭنى يۈرىكىڭدە تۈتۈنلەرگە ئايلاندۇرۇپ ئالەمگە پۈۋلەپ تاراتماقچى بولغاندەك، جاھان ئەھلىگە شۇ شەكىلدە بىلدۈرمەكچى بولغاندەك. تۈك باسقان يۈزلىرىڭمۇ قارىداپ كېتىپتۇ، غەم كىرلىرىدەك، ئازاب داغلىرىدەك. بىر چاغلاردىكى قان تەپچىپ تۇرىدىغان مەڭىزلەر مۇشۇمۇ. ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلغان قىزلارنىڭكىدەك ھېمىشە ئېچىلىپ، پارقىراپ ۋە نۇرلىنىپ تۇرىدىغان يۈزلىرىڭ مۇشۇ شۇمۇ، ئەزىمەت؟!.....
شۇنداق دېگەندەك قىلدىم ساڭا قاراپ.
بەلكىم ماڭا قاراپ شۇنداق دېگەنسەن.
قاراچۇقلىرىدىن ئۈنسىز چوقان پارلاۋاتقان، ئولتۇرۇشقان چاناقلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان بىر خۇنۈك چىراي كۆز ئالدىمغا كەلدى.
« نىمە دېگەن قالتىس نىمە ئەينەك دېگەن،
كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى؟ »
..............
كونا ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان ناخشىلار تەرتىپ بويىچە مۇشۇ يەرگە كەلگەنىدى.
دىققىتىم بايىقى ئاۋازدىن ئاستا – ئاستا ئەمدىكى لىرىك ناخشىغا ئاغدۇرۇلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ھەيران ئىدىم. رەغدىم بولمىسىمۇ، ئاڭلايدىغىنىم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ناخشا ئاڭلاشقا كۆنۈپ قالغانىدىم. يەنە نېمىلەرگە كۆنۈپ قالىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم – يۇ، كۆنۈشنىڭ ئاجايىپ سىرلىق بىر ھال ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ باراتتىم. ئۆزۈم كۆنۈپ قالغان ناخشىلارنى _ ياخشى كۆرگەن ناخشىلىرىمنى يېنىشلاپ ئاڭلايتتىم. بۇ بەلكىم، نەپرەتلىنىپ يۈرۈپ كۆيگەنگە، تىللاپ تۇرۇپ سۆيگەنگە ئوخشاشلا غەلىتە بىر ئىشتۇر. ھەرقانچە بولسىمۇ، قىزىنى ئېلىپ ئانىسىنى تىللايدىغان، ئوغلىغا تېگىپ دادىسىنى قاغايدىغان غەلىتىلىككە ئوخشىمايدىغاندۇر، دەپ ئويلايتتىم. كۈن بويى ئېيتىلىدىغان مەززىسىز ناخشىلارنىڭ بارچىسى دادا ئىكەنلىكىگە، كېچە – كېچىلەپ ئېيتىلىۋاتقان تېتىقسىز ناخشىلارنىڭ ھەممىسى ئانا ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.
سىرتتا، يىراق – يېقىندا، يۇرت – يۇرتلاردىمۇ مەن ئاڭلىغان ناخشا ئېيتىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. مۇشۇ ناخشا ئېيتىلسا.....دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.
ناخشا ئېيتىش ئۈچۈنلا ناخشا ئېيتىش، ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈنلا ناخشا ئاڭلاش؛ كېچە – كېچىلەپ ئېيتىش، تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئاڭلاش.... بۇ نەقەدەر.... ئاجايىپ.... بۇنى زادى نېمىگە ئوخشىتىش كېرەكتۇر؟......
مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان بولۇشۇم مۈمكىنىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە، ناخشا ئېيتىش ۋە ئاڭلاشتا ئاجايىپ زور قىزغىنلىق كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ؛ شادلانغانلارمۇ، ھەسرەت چەككەنلەرمۇ ناخشا ئېيتاتتى. ياشلارمۇ، قېرىلارمۇ؛ خۇشال بولغانلارمۇ، دەرد تارتقانلارمۇ ئوخشاشلا ناخشا ئاڭلايتتى. ھەتتا قارىلىق بولغانلارنىڭ قارىسىنىمۇ ناخشا ئېيتىپ ئۇشتاتتى. ناخشا ئاڭلاپ ئۇشتىلاتتى. تېخى تۈنۆگۈنلا باقىيغا يول ئالغان ئانىسىنىڭ دەردىدە پىرقىراپ يىقىلغان ئوغۇل بالىلار بۆگۈن، قارىلىق چېيىدا پىرقىراپ ئوينىغان ئۇسسۇلى بىلەن گۈپۈرلەپ يىقىلاتتى. تېخى تۈنۆگۈنلا ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئاتىسىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ھۇشسىزلانغان يىگىتلەر، مانا بۆگۈن، يەنە شۇ قارىلىق چېيىدا پەرىدەك ياسانغان قىز – چوكانلارنىڭ ئاپئاق قوللىرىغا ئېسىلىپ بىھۇش بولاتتى... ناخشا ئېيتىدىغانلار قوشۇنى كۆپەيگەنسېرى، ئاڭلايدىغانلار غولداۋاتامدۇ، ياكى ئاڭلايدىغانلار كۆپەيگەنسېرى، ئېيتىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىۋاتامدۇ بىلىپ بولمايتتى. ئېيتقانسېرى ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان، ئاڭلىغانسېرى ئېيتقۇسى كېلىدىغان، ئېيتىپ ھارمايدىغان، ئاڭلاپ قانمايدىغان بىر كەيپىيات ئومۇملىشىپ كېلەتتى. ناخشا ئېيتىدىغانلارنىڭ ئاۋازىمۇ كۈنساناپ يوغىناپ ۋە يۇقىرىلاپ باراتتى. ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىىچىلار قالمايدىغاندەكلا قىلاتتى. مۇراسىملار يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلار بىلەن باشلىناتتى. توي – تۆكۈنلەر يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلار بىلەن داۋام قىلاتتى. بەزمە – كۆڭۈل ئېچىشلار يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلار بىلەن ئەۋجىگە چىقاتتى. سۆھبەت – مۇلاقاتلار يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلار بىلەن يەكۈنىنى تاپاتتى.... ھەممە ياقتىن ناخشا ئۈچۈن ئالقىش ياڭرايتتى. ھەممىلا ياقتىن ناخشا ئۈچۈن يوللار ئېچىلاتتى......
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر