- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەن ھۆكۈمىتى قۇسەي قوراللىقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا قوشۇلدى
2015.10.20 13:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى راج بادى تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ رامكىسى ئاستىدا يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا قوشۇلدى. يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىرىنىڭ ۋەكىللىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى جەنۋەدە سۆھبەتلىشىپ، بۇ يىل ئاپرېلدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان 2216-نومۇرلۇق قارارنى ئىجرا قىلىش ئىشىنى مۇنازىرىلىشىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بۇ يەمەننىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاشلىغان مۇھىم بىر قەدىمى دەپ ھېسابلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېتەكچىلىك قىلغان تۇنجى قېتىملىق يەمەن مەسىلىسى كېڭىشىشى 19-ئىيۇن جەنۋەدە ئاياغلاشقان، ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر