باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2015.10.19 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتابىنى «ئۆگىنىش» نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقىتىدۇ.

  «ئوقۇشلۇق»قا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپى، شۇنداقلا سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەر بايان قىلىندى. «ئوقۇشلۇق» مەزمۇنى مول، قاراش ئېنىق، تىلى جانلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشىك بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر