باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر پارلامېنت سايلىمىغا بىرىنچى باسقۇچتا ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشتى

2015.10.20 13:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر پارلامېنت سايلىمىغا بىرىنچى باسقۇچلۇق ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 21 دە ئاياغلاشتى، 14 ئۆلكە ئاۋاز بېرىپ بولدى.

  مىسىر ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، مىسىردىكى 27 ئۆلكىدە ئاۋاز بېرىش ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ: بىرىنچى باسقۇچلۇق ئاۋاز بېرىش 18-ۋە 19-ئۆكتەبىر 14 ئۆلكىدە ئۆتكۈزۈلدى؛ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئاۋاز بېرىش 22-ۋە 23-نويابىر باشقا 13 ئۆلكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا بېرىلگەن ئاۋاز سانى ھازىر تېخى ئېلان قىلىنمىدى. بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى 2013-يىلى ئىيۇلدا مۇرسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئۈچ قەدەملىك سىياسىي يول خەرىتىسى پىلانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم. بۇندىن ئىلگىرى مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر