باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەمدۇ

2015.10.16 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى يېقىندا 2016- مالىيە يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللاپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ قوشما شتات خىراجىتىنى ئىشلىتىپ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يۆتكىشىنى داۋاملىق مەنئى قىلدى. بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان كېلەر يىلى 30 –سىنتەبىرگىچە يولغا قويۇلىدۇ، ئۇ چاغدا ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما ۋەزىپىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەمدۇ؟

  2009 –يىلى 22- يانۋار ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 2- كۈنىلا زوڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ، سېسىق نامى پور كەتكەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گۇەنتانومۇ تۈرمىسىنى تاقاشقا قەسەم قىلدى. 4 ئايدىن كېيىن، ئوباما يەنە بىر قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى جەزمەن تاقاپ ، بۇ ئىشنى كېيىنكى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەيدىغان زوڭتۇڭغا قالدۇرۇپ قويمايمەن دېدى.

  گۇەنتانامو تۈرمىسى- كۇبانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گۇەنتانامو شەھىرىگە جايلاشقان،ئامېرىكا ئارمىيەسى 2001 –يىلى 11-سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، كۇبانىڭ گۇەنتانامو دېڭىز قولتۇقى ھەربىي بازىسىدا قۇرغان ھەربىي تۈرمە، «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى پۈتۈن دۇنيادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىدە قولغا چۈشۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قاماشقا مەخسۇس ئىشلىتىلگەن. ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى «بازا تەشكىلاتى» ۋە تالىباننىڭ ئەزالىرىنى بۇ يەرگە قامىغان ، قامالغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 780 گە يېتىدۇ.

  ئامېرىكا ھۆكۈمتى بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ئەسىر ئەمەس بەلكى ئامېرىكا ئارمىيەسى تېرورلۇققا قارشى ھەربىي ھەركەتتە قولغا چۈشۈرگەن «قانۇنسىز ئۇرۇش قىلغۇچىلار» دەپ قارىغاچقا «جەنۋە ئەھدىنامىسى» دە بەلگىلەنگەن ئەسىرلەر ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولمايدۇ .بۇنىڭدىن باشقا، ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەربىي تۈرمىنى چەتئەلدە تەسىس قىلىشتىكى مەقسىدىنىڭ بىرىمۇ بۇ تۈرمىنى ئامېرىكا ئەدىلىيەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراتماسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈرمە قانۇننىڭ سىرتىدا قالدى.

  گۇەنتانامو تۈرمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسىرلەرنى خورلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پات پات تارقىلىپ تۇردى. 2004–يىلى گۇناسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن 3 ئەنگىلىيەلىك ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قامالغۇچىلارنى داۋاملىق سوراق قىلىش، جىنسىي خورلاش، مەجبۇرى ئوكۇل ئۇرۇش، دىنىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قەبىھ قىلمىشى ئۈستىدىن ئەيىبلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتقان ئىدى . شۇ يىلى 11- ئايدا، «ئامېرىكا نيوروك ۋاقتى گېزىتى» ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئاشكارلىغان بىر پارچە ئىچكى قىسىمدىكى ئەسلەتمىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار قىزىل كىرىست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ بىر پارچە دوكلاتىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قوللانغان بىر قاتار سوراق قىلىش ۋاستىلىرى ، جۈملىدىن يۇقۇرى دېتسىبىللىق شاۋقۇن ۋە مۇزىكا ئارقىلىق قامالغۇچىنى غىدىقلاش، قامالغۇچىنى ئۇزۇن مەزگىل يۇقۇرى تېمپۇراتۇرىلىق مۇھىتتا تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى ئەزەلدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھەنە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنى تەنقىدلەيدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئوباما 2009-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىمزالىغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: كىچىك بوش زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ بازا تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزدى. گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقلىق ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىگىلى بولىدۇ.

  بۇندىن باشقا گۇئەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئويلاشقانلىق. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر گۇئەنتانامو تۈرمىسىگە ھەر يىلى بىر مەھبۇس قاماشنىڭ تەننەرقى ئىككى مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن ھەمدە يىلسىرى ئاشماقتىكەن. لېكىن ئامېرىكىدا بىر مەھبۇسنىڭ يىللىق تەننەرقى تەخمىنەن يەتمىش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

  ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئوباما ھەر يىلى دېگۈدەك گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى، بىراق تاقاش مۇساپىسى تەسەۋۋۇردىكىدىنمۇ ئاستا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب پارلامېنت 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى ماقۇللىغان دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى بېرىش قانۇن لايىھەسىنىڭ قوشۇمچىسىدىكى بىر مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قوشما ئىشتات چىقىمىنى ئىشلىتىپ گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يۆتكىشى مەنئىي قىلىنغان.

  ھازىر جەمئىي 115 مەھبۇس گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىگە قاماقلىق، بۇنىڭ ئىچىدىكى 51 مەھبۇس ئاللىبۇرۇن ئەسلى دۆلىتىگە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن، ئامېرىكا خەتەرلىك كىشى دەپ قارىغان قالغان 64 مەھبۇسنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشى زۆرۈر دەپ بېكىتىلگەن، شۇڭا ئۇلارنى ئامېرىكا تۈرمىسىگە يۆتكەش بىر بىردىن ئۇسۇل.

  ئامېرىكا پارلامېنتى 7-ئۆكتەبىر 2016- مالىيە يىلىلىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، قانۇن لايىھەسىدە 2010-يىلى باشلانغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قوشما ئىشتات چىقىمىنى گۇنەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يۆتكەشكە ئىشلىتىشىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئوبامانىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدە گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

  ئوباما ھازىر يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىگە رەسمىي ئىمزا قويمىدى ئۇ بۇندىن بۇرۇن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى، لېكىن ئىنكار قىلىشنىڭ سەۋەبى گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى يۆتكەشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى بولماستىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ چىقىمنى ئاپتوماتىك ئازايتىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالىمىغانلىقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا بولغان تەسىرى، شۇڭا بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاخىردا مەجبۇرىي تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان مەزمۇن گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشقا چېتىلماسلىقى مۇمكىن.

  لېكىن ئوباما بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغاندا: قانۇن لايىھەسىدىكى گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشقا دائىر قىسمەن مەزمۇنلار مېنىڭ ئۈچ ئارمىيە قوماندانىلىق ھوقۇقىمغا دەخلى يەتكۈزگەچكە ئىجرا قىلمايمەن دەپ جاكارلىسا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئوباما زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى ئىمزالاش ئارقىلىق پارلامېنتنى قايرىپ قويۇپ گۇنەئتانامۇ تۈرمىسىنى مەجبۇرىي تاقىۋەتسە بولىدۇ. لېكىن بۇ مۆلچەرلىگۈسىز سىياسىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئوباما بۇ كەسكىن ۋاستىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئەستايىدىل ئويلىنىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر