باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر

2015.10.19 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 9 - ئايدا ئاخىرلاشتى. لېكىن « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن» دېگەن خەۋەر يېقىندا توردا تارقىلىپ يۈرگەن. 16-ئۆكتەبىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا ھەرگىز پىتنە _ ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىكنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

  بۇ ھەقتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تولۇق كۇرس1- تۈركۈم 2006-يىلىدىن بۇيان، تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ باقمىغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومىتېتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئالىي تېخنىكومغا ( مەخسۇس كۇرس)تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان، لېكىن شىنجاڭدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي تېخنىكومغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ( مەخسۇس كۇرس) ھەممىسى ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشتى. شۇڭا، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن» خەۋەر يالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خەۋىرىگە يولۇققاندا، ۋاقتىدا شۇ يەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپارات مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى سۈرۈشتۈرۈش مەخسۇس تېلېفونى( <0991-8750000)غا تېلېغۇن قىلىپ يالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئەسكەرتتى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر