باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىشلىرىغا %70 تىن كۆپرەك تۆھپە قوشقان «جۇڭگو مۆجىزىسى»دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتىدۇ

2015.10.16 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى جۇڭگونىڭ 2- نامراتلارنى يۆلەش كۈنى، شۇنداقلا 23- قېتىملىق خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى 2015- يىللىق نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ب د ت ئېلان قىلغان «مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى 2015-يىللىق دوكلاتى»غا قارىغاندا، دۇنيادا كۆك نامراتلارنىڭ سانى 1990- يىلىدىكى 1 مىليارد 900 مىليوندىن 2015- يىلى 836 مىليونغا ئازايغان، بۇنىڭدا جۇڭگو قوشقان تۆھپىسى %70 تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئاساسەن جۇڭگونىڭ تۆھپىسى. جۇڭگو يېقىنقى 30 يىلدا دۇنيادىكى نامراتلارنىڭ سانىنى تۈگىتىش نىسبىتى جەھەتتە %93.3 ئىگىلىگەن.

  1949 - يىلى قۇرۇلغان يېڭى جۇڭگو دۇنيادىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ب د ت «ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئەينى يىلى جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 دوللار بولۇپ، پۈتكۈل ئاسىيانىڭ 44 دوللارلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا، ھىندىستاننىڭ 57 دوللارلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدىكەن. 1978- يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگودىكى 250 مىليون يېزا نوپۇسى تويۇنۇش ھەل بولمىغان نامرات ھالەتتە بولۇپ، يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %30.7 نى ئىگىلىگەن. (2009- يىلى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرى فەن شياۋجيەننىڭ دوكلاتى )كېيىن ، جۇڭگو ئىسلاھات- ئېچىۋىتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىقتىساد تېز راۋاجلاندى، نامراتلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئازايدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر